تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇخبىرنىڭ ئۆز كەچۈرمىشى: ئۆيگە قايتىش سەپىرىدە تۆمۈريول خادىملىرى قوغدايدۇ

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، K9759 قېتىملىق پويىزنىڭ خىزمەتچىسى قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوندىكى يولۇچىلارغا كارىۋاتلىق ئورۇن بېلىتى تولۇقلاپ بەرمەكتە.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى ئۆيگە قايتىش سەپىرىگە چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان كىشىلەر بىلەن لىق تولدى، تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، پىدائىيلار يولۇچىلارنى تۈرلۈك سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنى «باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش»تىن ئىبارەت بۇ «ئىللىق ئېقىم»غا ئەگىشىپ، ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈرۈشى ئۈچۈن ۋوگزال سۇپىسىغا بىخەتەر چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

   شۇ كۈنى، مۇخبىر K9759 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، پويىز خادىملىرىنىڭ يولۇچىلارغا قىلغان مۇلازىمەتلىرىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر كېچە ئارام ئالماي، ھەر بىر ۋاگوننى ئارىلاپ بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى بېرىش، تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ھەر قايسى ۋوگزاللاردا پويىزغا چىقىدىغان، پويىزدىن چۈشىدىغان يولۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىش، ۋاگونلارنى باھار بايرىمى كەيپىياتىغا تولدۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەپسىلاتلارنى خاتىرىلەپ، تۆمۈريول تارماقلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يولۇچىلارنىڭ ئۆيگە قايتىش سەپىرىگە ئىللىقلىق بېغىشلاش، قوغداش جەريانىنى ھېس قىلدى.

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، K9759 قېتىملىق پويىزنىڭ خىزمەتچىسى يولۇچىلارغا ئىچىملىك سېتىپ بەرمەكتە.

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، K9759 قېتىملىق پويىزنىڭ خىزمەتچىسى تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرمەكتە.

2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، K9759 قېتىملىق پويىزنىڭ خىزمەتچىسى شىخەنزە ۋوگزالىدا يولۇچىلارنىڭ پويىزغا چىقىشىنى كۈتمەكتە.

2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى خىزمەتچىلەر نۇقتىلىق يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى شياۋچىڭگو پىدائىيسى يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلماقتا.

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ خىزمەتچىلىرى توسۇق ئالدىدا مۇلازىمەت قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، K9759 قېتىملىق پويىزنىڭ خىزمەتچىسى ۋاگون ئىچىدە چارلىماقتا.

2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، K9759 قېتىملىق پويىزنىڭ خىزمەتچىسى يولۇچىلارنىڭ پويىزدىن چۈشۈشىگە ياردەملەشمەكتە.

2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، K9759 قېتىملىق پويىزنىڭ خىزمەتچىسى ۋاگونغا دېرىزە گۈلى چاپلىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.