تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

​قالتىس ئويۇنلارنى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە ئەڭ يېقىن، شۇنداقلا ئەڭ يىراق كىشىلەرگە تەقدىم قىلىمىز

ئەدەبىيات - سەنئەت كىچىك ئەترىتى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى بىرىنچى سېپىدىكى خادىملاردىن ھال سورىدى​

قالتىس ئويۇنلارنى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە ئەڭ يېقىن، شۇنداقلا ئەڭ يىراق كىشىلەرگە تەقدىم قىلىمىز

شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ھەبىبە، رايىدە، ۋاڭ يىپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «ھەي قىزچاق، ھەي قىزچاق، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ باق...» 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى كوئېنلۇن مۇنارى ئاستىدا، ناخشىچى ئېرپان شادىيانە ناخشىسى بىلەن، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەرگە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى، ھۆرمەت بىلدۈردى ۋە رەھمەت ئېيتتى.

شۇ كۈنى، ئېرپان، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، گاگا، چولپان يۇنۇس قاتارلىق شىنجاڭلىق ئون نەچچە داڭلىق ناخشا - ئۇسسۇل ئارتىسىدىن تەشكىللەنگەن ئەدەبىيات - سەنئەت كىچىك ئەترىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈچ جايغا بېرىپ، يېقىملىق ناخشىلىرى، شادىيانە ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ئوت مۇداپىئە كوماندىر - جەڭچىلىرى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، تېببىي خادىملار، خەلق ساقچىلىرى قاتارلىقلارغا قالتىس مەدەنىيەت ئوزۇقى يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنىڭ قالتىس شىنجاڭ، «كۆزنى چاقنىتىدىغان» قەشقەرنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش ئۈچۈن خالىس ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىغا، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

«تاغىلىرىمنى ساناپ تۈگىتەلمەيمەن...» چولپان يۇنۇس جىڭجۈ تىياتىرى چاتما ناخشىسىنى قالتىس ئورۇنلىغاندا، مۇھىت تازىلىقى گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئەخمەتجان قاسىم توختىماي چاۋاك چېلىپ ماختاپ كەتتى، «بىز نەق مەيدانغا ئەڭ يېقىن، ئەمما باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىن ئەڭ يىراق كىشىلەر. بۈگۈنكى ھال سوراش ئويۇنى ناھايىتى قالتىس بولدى، مەن بەك تەسىرلەندىم. بىز چوقۇم ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرىمىز، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىدىكى نومۇرلارنىڭ يۇرتىمىزدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

«كۆپچىلىكنىڭ ئەجدىھا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن!» ناخشىچى ئېرپان مۇنداق دېدى: باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرى بولمىسا، قالتىس نومۇرلارنى نامايان قىلغىلى بولمايدۇ، ناخشام ئارقىلىق قىشتا ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

قەشقەر شەھىرى قەدىمىي شەھەر ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتىدا بىر مەيدان كىچىك تىپتىكى مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. «لاي لاي لاي، كۆپچىلىك بىللە ئېيتايلى ناخشا، ئوينايلى ئۇسسۇل...» شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ «بىز سىز بىلەن بىللە» ناملىق ناخشىسى نەق مەيدان كەيپىياتىنى بىردىنلا جانلاندۇرۇۋەتتى؛ شىنجاڭ سەنئەت ئورنىنىڭ ئارتىسى گاگا «يارىگۇللا»نى ئېيتقاندا، نۇرغۇن تاماشىبىن ئىختىيارسىز ئۇسسۇلغا چۈشتى.

«ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئارتىسلارنى كۆرۈپ، يېقىملىق ناخشىلارنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.» قەشقەر شەھىرى قەدىمىي شەھەر ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئابلىكىم ئابابەكرى مۇنداق دېدى: مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىمىزدىن كۆپچىلىك ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدۇق، چوقۇم مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، قىلچە بوشاشماي، كېچىلىكنىڭ بىخەتەر، قالتىس نامايان قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 41 - تۇەندىكى ھال سوراش نەق مەيدانىدا، سېرك ئويۇنى «كۇڭجۇ»، قەدىمچە كىيىم بىلەن ئورۇنلانغان كومېدىيەلىك يۈجۈ تىياتىرى «گۈللۈك تەختىراۋان كۆتۈرۈش»، چىنچياڭ جېزى تىياتىرى «گۈل چاپلاش» قاتارلىق نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ تەقەززالىقى ئىچىدە نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى. «بۈگۈن ئەدەبىيات - سەنئەت كىچىك ئەترىتى كېلىپ ئويۇن قويۇپ، باھار بايرىمى كەيپىياتىنى قويۇقلاشتۇردى. ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم يۈجۈ تىياتىرى، نەق مەيداندا ئاڭلىسا بەك قالتىس بولىدىكەن» دېدى بۇ تۇەننىڭ خىزمەتچىسى گاۋ جۈن.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى لىنا ئېربول لەرزان ئۇسسۇل قەدىمى، نازاكەتلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن «گۈل» ناملىق يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇلنى ئويناپ، قىزغىن ئالقىش ۋە ماختاشلارغا ئېرىشتى. «ۋاقىت يېتىشمىگەندە بىز ئاپتوبۇستا رېپېتىتسىيە قىلدۇق؛ ئۈسكۈنىلەر چەكلىك بولغاندا، بىز نومۇرلارنى پىلانلاش جەھەتتە باش قاتۇردۇق. قىسقىسى، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرگە خۇشاللىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭدۇق!» دېدى لىنا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.