ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق 1 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق 1 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇلتۇرقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى خۇلاسىلەندى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى ھەم يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى مەزگىلدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ جايدا كۆپ قېتىم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈزبېرىپ، ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى. باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، يولۇچى توشۇش، يۈك توشۇش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى بېسىمى سىجىل ئاشتى، يۇرتىغا قايتىش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە كىردى، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى ئېقىمى، ئاپتوموبىل ئېقىمى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، يول قاتنىشى، كان، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە خەۋپ - خەتەر گەۋدىلىك بولدى، تۇراقسىز بولۇش، بىخەتەر بولماسلىق خەۋپ - خەتىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەشنى چىڭ كۆزلەپ، مېخانىزمنى ئىلمىي ئورنىتىپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە ئازايتىش كېرەك. بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى يوشۇرۇن خەۋپىنى كەڭ كۆلەمدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر ئۆزى ئۆمەك باشلاپ تەكشۈرۈپ، ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزىتىشتە «بىرىنچى قول رەھبەر» مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش، ئاگاھلاندۇرۇش بويىچە چاقىرىتىپ سۆزلىشىش، مەمۇرىي جازا بېرىش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك. «توققۇز كىچىك سورۇن»، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىدىكى ئارىلاش تىجارەت سورۇنى، ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇن قاتارلىقلارغا قارىتا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ساھەسى بويىچە تۈزەش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. كان ساھەسىدىكى تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، توك، سۇ، پار، گاز بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىنى ياخشى باشقۇرۇپ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ساھەسى ۋە پوجاڭزا - ساليۇت ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، ئەسلىھەلىرىدىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى كۆپ بولغان قاتناش قوراللىرى قاتارلىقلارغا چىڭ قادىلىپ، «ئۈچنى نورمىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، چارچاپ ھەيدەش»، قانۇنسىز تىرانسپورت تىجارىتى قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار - يامغۇر، مۇز تۇتۇش قاتارلىق ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، بايرام مەزگىلىدىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىشنى چىڭىتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى «ھەممە ئىشتا كۆڭلىدە سان بولۇش»تىن ئىبارەت ھەرىكەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى باھالاش نەتىجىسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، تارماقلار ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن، يېركىن ساپۇش قاتناشتى.