تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ما شىڭرۇي خوتەنگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

​پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەجدىھا يىلىدا خەيرلىك، بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام كەنت - بازارلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكۇي بازىرى كۆللەك كەنتىدە كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى، 1 - شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلارنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. □جاڭ يۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام كەنت - بازارلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەجدىھا يىلىدا خەيرلىك، بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ما شىڭرۇي خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكۇي بازىرى كۆللەك كەنتى ۋە ئىلچى يېزىسى ئارا كەنت كەنتى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى قەدىمىي شەھەر كەنتىگە بېرىپ، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى، 1 - شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلارنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئاجىز بولۇش، چېچىلاڭغۇ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ما شىڭرۇي ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆللەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇھەببەت قادىر ۋە قەدىمىي شەھەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوبۇلھەسەن ئابدۇللانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلار بىلەن بىللە پاراڭلىشىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرمۇش كاپالىتى ۋە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كىرىم ھېساباتىنى بىرلىكتە ھېسابلاپ، ئۇلارنىڭ يېڭى تۇرمۇشىغا نەزەر سالدى. ما شىڭرۇي ئىككى ئائىلىدىكى كىشىلەرگە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلەپ، ئۇلارنى يېڭى بىر يىلدا داۋاملىق تىرىشىپ، ئەمگىكى ۋە ئەجرى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاشقا ئىلھاملاندۇردى؛ بالىلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئاراكەنت كەنتىدە، ما شىڭرۇي پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئەبەيدۇللا مەخمۇتتىن ھال سورىدى، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بىر مەقسەتتە بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ۋە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

باغچى بازىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا 600گە يېقىن يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان، تۈرلۈك تاۋار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، مال سېتىۋالىدىغان ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ما شىڭرۇي بازارغا كىرىپ، تاۋار بىلەن تەمىنلەش، سېتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازار باشقۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارغا تەشكىللەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بايراملىق تاۋارلارنىڭ مىقدارىنىڭ يېتەرلىك، سۈپىتىنىڭ ئەلا، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى باھار بايرىمىنى خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تاپىلىدى.

ما شىڭرۇي يەنە باغچى بازىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە ئىلچى يېزىسىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەۋزەللىكنى دەل جايىدا تېپىپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تيەنجىنگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى، ماددىي ئەشيا، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بايرامنى خۇشال - خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، مەھەللىلەرنى دائىرىلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تىنچ، ئىناق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ خاس كەسىپ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان يېزا - كەنت كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، كەسىپ تەرەققىياتى، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال ياخشى پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق، ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، كۆمۈر، ئېلېكتىر، نېفىت، تەبىئىي گاز، توشۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، بايراملىق بازار تەمىناتىنى سىجىل بېيىتىپ، سۈپەت، باھا قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، يار - يۆلەك بولۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چېڭىتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە دەپ بىلىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ ۋە پۇختا تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى باھار بايرىمىنى بىخەتەر، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.