يېڭى ساۋيۈنى پاكىز يۇيىمىز
پارچە قىلىپ توغرايمىز
سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، سامساقنى يالپاقلاپ توغرايمىز
يېمەكلىك تۇزى، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، قارىمۇچ تالقىنى سېلىپ سۈزۈك سۇ بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز
10 مىنۇت تەملەندۈرىمىز
تەملەندۈرۈش جەريانىدا چىققان سۇنى تۆكۈۋېتىمىز
سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلىرىنى ئېلىۋېتىپ
يەنە يېمەكلىك تۇز، قارىمۇچ تالقىنى، كىراخمال سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز
قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز
ماي %80 قىزىغاندا پاچىلاپ تەييارلاپ قويغان بېلىقنى سالىمىز
ياغدا سارغايتىپ پىشۇرىمىز
سۈزۈۋالىمىز
تەخسىگە تىزىمىز
تېتىتقۇ چاچىمىز
ئۈستەلگە ئالساقلا بولىدۇ