تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى | مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەردە باھار بايرىمى كەيپىياتى قويۇق بولدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) باھار بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» شۆبە يىغىن مەيدانىنىڭ بىرى بولغان قەشقەر شەھىرىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، باھار بايرىمى كەيپىياتى قويۇق بولدى. قەدىمىي شەھەرنى ئايلىنىپ، گۈللۈك پانۇس تاماشاسى قىلىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى «قالتىس ماھارىتى»نى كۆرۈپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەردىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، قەلبى شادلىققا تولدى. 

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. 

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى.

 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، كىچىك دوست قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدا ميەنخۇاتاڭ يېمەكتە.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، كىچىك دوستلار قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدىكى قىزىلگۈل كەپتەر شورپىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ كۆرۈشكە، ئېغىز تېگىشكە جەلپ قىلدى.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان كوئېنلۇن مۇنارىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.