تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

راسا «قايناڭ» بۇ يەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن باھار بايرىمىلىق كەيپىياتىدىن ھۇزۇرلىنىپ قانمايسىز

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىخو بېييۈەنچۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا جايلاشقان باھار بايرىمىلىق ماللار چوڭ بازىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «باھار بايرىمىلىق مال تەييارلاش» ئەندىزىسى بۇ يەردە باشلاندى. شىخو بېييۈەنچۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى شىخو شەھىرى ھەم ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەر ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى باھار بايرىمىلىق ماللار چوڭ بازىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ يېمەكلىك، تۈرلۈك ماللار رايونىغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، سودىگەرلەر تۈرى مول، سانى يېتەرلىك تاۋارلارنى تەييارلىدى. بازار يەنە ھەرقايسى يېزا-بازار، مەيدانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، سېتىش سودىگەرلىرى ۋە ئىستېمالچىلارغا سودا سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى. باھار بايرىمى بېزەك بۇيۇملىرى رايونىدا قىپقىزىل چۇنليەنلەر، قىپقىزىل پانۇسلار، باھار بايرىمىلىق نەپىس سۈرەتلەر، قۇتلۇق «福» خېتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالدىن تاللايدىغان تاۋارى، شۇنداقلا پۈتكۈل بازاردىكى باھار بايرىمى پۇرىقى ئەڭ كۈچلۈك رايون بولۇپ قالدى.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىخو بېييۈەنچۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋالماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ خەۋىرى، فوتوسى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىخو بېييۈەنچۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى باھار بايرىمىلىق ماللار چوڭ بازىرىدا باھار بايرىمىلىق بېزەك بۇيۇملارنى سېتىۋالماقتا.

    شىخو بېييۈەنچۇن گۈل-گىياھ بازىرىدا تىجارەتچىلەر خۇديېلەن، دۇجۈەن، شيەنكېلەي  قاتارلىق مىڭ خىلغا يېقىن گۈل-گىياھنى ئالدىن تەييارلاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاندۇردى.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىخو بېييۈەنچۇن گۈل-گىياھ بازىرىدىن گۈل-گىياھ سېتىۋالماقتا.

    باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىخو شەھىرى خۇاڭگۇڭ بازىرى شىخەيزە كەنتىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش باشلاندى، يېڭى ھەم يوغان بېلىقلار سۈزۈۋېلىنىشى بىلەنلا كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن تالىشىپ سېتىۋېلىندى. بۇ سۇ مەھسۇلاتلىرى ئاممىنىڭ ھارپا كېچىسىدىكى تاماق ئۈستىلىنى موللاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر يىلدا دانلىق زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىش، يىلمۇ يىل ‹ئېشىنچا›سى بولۇشتەك گۈزەل ئارزۇسى مۇجەسسەملەندى.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېلىقچىلار ئەمدىلا تۇتقان بېلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

    خۇاڭگۇڭ بازىرى شىخەيزە سۇ ئامبىرىنىڭ قىش پەسلىدىكى سۇ رايونى كۆلىمى تەخمىنەن 600 مو بولۇپ، سۇ سۈپىتى ئىنتايىن سۈزۈك. 2018-يىلى، خۇاڭگۇڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوللىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا، كەنت ئاھالىسى گاۋ ۋېنگې سۇ ئامبىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇ ئامبىرىغا ساۋيۈ، كارب بېلىقى، تاپان بېلىق قاتارلىق بېلىجانلارنى قويۇپ بەردى ھەمدە ئېكولوگىيەلەشتۈرۈلگەن باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، بېدە قاتارلىق يەم-خەشەك بىلەن باقتى، بېقىلغان بېلىقلارنىڭ گۆشى يۇمشاق، مەززىلىك بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ھەر يىلى باھار بايرىمى ھارپىسى شۇ جايدىكى قىشلىق بېلىق تۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر توردا 400 ~ 300 كىلوگىرام بېلىق تۇتقىلى بولىدۇ.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېلىقچىلار مۇزنى كولاپ، بېلىق تۇتۇشقا تەييارلانماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 4-كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە باش باھار، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىليۇخۇ يېزىسى دالياڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىگەن ئىشتىن سىرتقى كوچا ئويۇنى ئەترىتى كەنتتە سەپ تۈزۈپ كوچا ئويۇنى كۆرسەتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئاكتىپ قاتناشتى، نەق مەيداندا دۇمباق ساداسى ياڭراپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، كوچا ئويۇنى ئەترىتى ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئورۇنلىماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، كوچا ئويۇنى ئەترىتى بەلدۇمباق ئويۇنى ئوينىماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، كوچا ئويۇنى ئەترىتى بەلدۇمباق ئويۇنى ئوينىماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.