تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش | سۈرەتلىك ھېكايە: قەدىمىي شەھەردىكى پېشقەدەم مىسكەر مىس بۇيۇملارنى ياساشنى 50 يىل داۋاملاشتۇردى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئابلىز تۇرسۇن مىس بۇيۇمنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) «ساياھەتچىلەر مەن ياسىغان مىس بۇيۇملارنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىش مېنىڭ ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىشىم»، دېدى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئابلىز تۇرسۇن.

  بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن 4-ئەۋلاد مىسكەرلىك ھۈنەر-سەنئىتى ۋارىسى ئابلىز تۇرسۇن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى بىر پېشقەدەم مىسكەر بولۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى كوچىسىدا مىسكەرلىك دۇكىنى ئاچىدۇ. ئابلىز كىچىكىدىن تارتىپلا دادىسىدىن مىسكەرلىك ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۆگەنگەن، مىسكەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 50 يىل بولغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئابلىز ھۈنىرىنى ئوغلىغا ئۆگەتمەكتە.

  مىس بۇيۇملارنى ياساش جەريانىدا چېرتيوژ، قېلىپ ئىشلەتمەي، پۈتۈنلەي ھۈنەرۋەنلىك تەجرىبىسىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. «سوقۇپ شەكىلگە كەلتۈرۈش مىس بۇيۇملارنى ياساشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا، بارلىق مىس بۇيۇملارنىڭ شەكلىنى بولقا بىلەن بىر-بىرلەپ ئۇرۇپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، دەسلەپكى قەدەمدە شەكىلگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مىس بۇيۇملار بىر قېتىم سۇغىرىلىدۇ، ئاندىن سىلىقلىنىدۇ، بېزىلىدۇ...» ئابلىز قولىدىكى ئىشنى قىلغاچ مۇخبىرغا شۇنداق تونۇشتۇردى.

  قەشقەرنىڭ مىسكەرلىك ھۈنەر-سەنئىتى 2021-يىلى 5-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ، قەشقەرنىڭ مىسكەرلىك ھۈنەر-سەنئىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشى چۈشەندى ۋە ياقتۇردى.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا قولدا ياسالغان مىس بۇيۇملارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئابلىز تۇرسۇننىڭ ئىنىسى ھەسەنجان تۇرسۇن مىس بۇيۇم ياسىماقتا.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، مىس بۇيۇملار دۇكىنىنىڭ ئالدىغا ئېسىلغان ھەر خىل قولدا ياسالغان مىس بۇيۇملار ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا مىس بۇيۇملارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.


2-ئاينىڭ 4-كۈنى، مىسكەرلەر مىس بۇيۇملارنى ياسىماقتا.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئابلىز تۇرسۇن مىس بۇيۇم ياسىماقتا.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئابلىز تۇرسۇن ئوغلى بىلەن مىس بۇيۇم ياسىماقتا.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.