تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

باھار بايرىمىلىق مال ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش يېتەرلىك بولماقتا (يېڭى دەۋر يۆگىمە رەسىمى)

ھازىر، گۈل-گىياھ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر چوقۇم تەييارلايدىغان باھار بايرىمىلىق مال بولۇپ قالدى.  سۈرەتتە: جياڭسۇ رۇگاۋ شەھىرىنىڭ موتوۋ بازىرى شىنگاڭ كەنتى خۇاڭدا خۇديېلەن گۈلى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، خىزمەتچى سېتىلىش ئالدىدا تۇرغان خۇديېلەن گۈللىرىنى پەرۋىش قىلماقتا.

ۋۇ شۇجيەن فوتوسى (خەلق كۆرۈش سەزگۈسى)

سەنشى يۈنچېڭ شەھىرى ۋەنرۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر كارخانىدا، ئىشچىلار تۈرلۈك خاس خەلق ئۆرپ-ئادەت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ، باھار بايرىمىلىق بازار ئېھتىياجىنى تەمىنلىمەكتە.

يەن شىن فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

گۇيجوۋ چيەندۇڭنەن مياۋزۇ-دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى رۇڭجياڭ ناھىيەسىدىكى بىر كۆكتات بازىسىدا، كۆكتاتچى دېھقان يېڭى لازىلارنى يىغماقتا.

جوۋ گۇاڭشېڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

گۇاڭشى ليۇجوۋ شەھىرى لوسىفېن كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار لوسىفېنلارنى ئوراپ قاچىلىماقتا. باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كەسىپلەر باغچىسىدىكى ھەرقايسى كارخانىلار پۈتۈن كۈچ بىلەن خاس مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

لى خەنچى فوتوسى (خەلق كۆرۈش سەزگۈسى)

جياڭشى فۇجوۋ شەھىرىنىڭ يىخۇاڭ ناھىيەسىدىكى بىر پانۇس كارخانىسىدا، ئىشچىلار تيېكوۋ چوۋدۈەن قىزىل پانۇسلىرىنى ياسىماقتا.

جۇ خەيپېڭ فوتوسى (خەلق كۆرۈش سەزگۈسى)

ئەنخۇي بوجوۋ شەھىرىنىڭ چياۋچېڭ رايونىدىكى بىر ئۇن يېمەكلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدا، خىزمەتچى خادىملار خاس گۈل چىقىرىلغان موما ياساپ، باھار بايرىمىلىق بازارنى تەمىنلەپ، قويۇق بايرام تۈسى قوشتى.

جاڭ ليۇيەن فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

شەندۇڭ بىنجوۋ شەھىرىنىڭ بوشىڭ ناھىيەسىدىكى بىر ئاشلىق، ياغ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى زاكازلارنى ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، پىششىقلاش، ساقلاش-توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.

چۇ باۋرۈي فوتوسى (خەلق كۆرۈش سەزگۈسى)

    باھار بايرىمى يېقىنلاشقانسېرى، توردا سېتىۋېلىنغان باھار بايرىمىلىق ماللارنى تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. ھەرقايسى چوڭ تېز يەتكۈزۈش، ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى ئادەم كۈچىنى كۆپەيتىپ، توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، باھار بايرىمىدىن بۇرۇنقى باھار بايرىمىلىق مال تەمىنلەش-يەتكۈزۈش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. سۈرەتتە: خۇبېي شياڭياڭ شەھىرىنىڭ فەنچېڭ رايونى پوچتا شۆبە شىركىتى پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدە، خىزمەتچى خادىملار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش لىنىيەسىدە ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

شيې يۇڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

سىچۇەن مېيشەن شەھىرىنىڭ رېنشوۋ ناھىيەسى باۋفېي بازىرىدا، باغۋەن گەنجۈلەرنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ، باھار بايرىمىلىق مېۋە-چىۋە بازىرىنى تەمىنلىمەكتە.

پەن شۇەي فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش باشلىنىپ، باھار بايرىمىلىق مال بازىرى تەمىنلەندى.  سۈرەتتە: ئامما تۇتقان چوڭ بېلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.

نيەن لېي فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

    باھار بايرىمى يېقىنلىشىپ، بايرام تۈسى بارا-بارا قويۇقلاشتى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەمىناتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتى، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى راۋانلاشتۇرۇپ، بايراملىق بازار تەمىناتىنى موللاشتۇردى.
    باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىنگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بايرام مەزگىلىدىكى خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەمىناتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، سانىنىڭ يېتەرلىك، تۈرىنىڭ مول، سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشى، باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك». ھازىر ھەرقايسى جايلارنىڭ باھار بايرىمىلىق ماللارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلىشى يېتەرلىك بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتە ئېتىزلاردا ھوسۇل يۇقىرى، ئامباردا زاپاس يېتەرلىك، بازاردا تاۋار مول بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى، ھەممە جاينى قاپلىغان باھار بايرىمىلىق ماللار ئىچىدە، باھار بايرىمىنىڭ تەمىنى ھېس قىلغىلى، باھار بايرىمىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنگىلى، باھار بايرىمىنىڭ خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.