تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۆك مۇز گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش قار-مۇز شادلىقىنى ھېس قىلىش سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باھار بايرىمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى

     ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، «تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش  باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش» سايرام كۆلى باھار بايرىمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بۇ مەنزىرە رايونىدا باشلاندى.

«تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش  باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش» سايرام كۆلى باھار بايرىمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدىكى ئويۇن.

خې يۈلۇڭ فوتوسى

   بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك پائالىيەت 2-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتى ۋە كەسىپ ھالىتىدە ئېتىبار بېرىش ئاساسىدا، قار-مۇز نادام بايرىمى، قۇت بۇيۇمى ئارقىلىق بەخت تىلەش، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى قاتارلىق 10 تۈرلۈك قار-مۇز تەسىراتى پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ.

​  «نۇرغۇن قار-مۇز ساياھەت تۈرلىرىنى ھېس قىلىپ باقتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە سايرام كۆلى ئەسلىدىنلا بەك گۈزەل، بۇ قېتىمقى ساياھەت ناھايىتى ئەرزىيدۇ» دېدى پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئوينىغىلى كەلگەن گەنسۇلۇق ساياھەتچى ۋاڭ مېڭ.

   «تېخىمۇ كۆپ كىشىنى سايرام كۆلىدە كۆك مۇز گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇش، قار-مۇز خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بىز ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىككە بىر يۈرۈش باھار بايرىمىلىق ئېسىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەييارلىدۇق، يەنە ئىشىك بېلىتى ۋە كەسىپ ھالىتى ساياھىتى جەھەتتە ئېتىبار بېرىشنى ئالاھىدە يولغا قويدۇق.» دەپ تونۇشتۇردى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ جېنفۇ.

«تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش  باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش» سايرام كۆلى باھار بايرىمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

خې يۈلۇڭ فوتوسى

   پائالىيەت مەزگىلىدە، بۇ مەنزىرە رايونى ئۇدا ئىشىك بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ: 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋە باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە) بارلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشىك بېلىتى، ئاپتوموبىل بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بارلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ مەنزىرە رايونىدىكى بارلىق يېمەك-ئىچمەك كەسىپ ھالىتىدە %10 ئېتىبار قىلىنىدۇ، ياتاق كەسىپ ھالىتىدە %70تىن %50كىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ، ئات ئەترىتى، تۆگە ئەترىتى، قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىگە ئاۋات پەسىل دۇكان باھاسىدا %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ؛ قىش پەسلىدە «مەنزىرە تاماشا قىلىش + قار تېيىلىش» يۈرۈشلۈك بېلىتى يولغا قويۇلىدۇ، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتىگە ئاساسەن سايرام كۆلى ئېگىز تاغ قار تېيىلىش مەيدانىدا ئاسما ۋاگوندا %80 ئېتىبار بېرىش، ئېگىز تاغ بېلىتىدە %40 ئېتىبار بېرىش، دەسلەپكى ھېس قىلىشتا %40 ئېتىبار بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسپ ھالەتلىرىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.