تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بازار ئايلىنىش، بۇتخانا سەيلىسى قىلىش، باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش

    2-ئاينىڭ 2-كۈنى، «ۋېنمياۋ بۇتخانىسىدا باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزىمەن— ئەجدىھا يىلىنى خوشال-خۇرام كۈتۈۋېلىش بەخت-سائادەت تىلەش» پائالىيىتى ئۈرۈمچى ۋېنمياۋ بۇتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا باھار بايرىمىلىق رەسىم، قەغەز قىيما، خېمىر ھەيكەل ياساش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ماھارەتلەر نامايان قىلىندى ھەمدە كوچا ئويۇنى، شىچۈ تىياتىرى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ھەيۋەتلىك داقا-دۇمباق قاتارلىق ئويۇنلار قويۇلۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىندى.

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئارتىسلار شىر ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.      سۇن جېنسۇڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئارتىسلار ئۇسسۇل ئوينىماقتا.       سۇن جېنسۇڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى كۆرمەكتە.     سۇن جېنسۇڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ-ئادەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماقتا.      سۇن جېنسۇڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى(شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)، ئەرزىيەت ئىدارىسى، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئىشخانىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياسەن كوچا باشقارمىسى فۇكاڭ كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ بۇغدا خەتتاتلىق ۋە رەسساملىق ئورنى، شىنجاڭ جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىلمى خەتتاتلىق ۋە رەسساملىق ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى مەھەللىگە تەكلىپ قىلىپ «باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، دۈيليەن يېزىش، بەخت تىلەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مەھەللە ئاھالىلىرى قويۇق باھار بايرىمىلىق كەيپىياتنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ قايتتى.

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ بۇغدا خەتتاتلىق ۋە رەسساملىق ئورنى، شىنجاڭ جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىلمى خەتتاتلىق ۋە رەسساملىق ئورنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى مەھەللە ئاھالىلىرىگە باھار بايرىمىلىق چۈنليەن ۋە «福» خېتى يېزىپ بەرمەكتە.   سۇن جېنسۇڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 2-كۈنى، سانجى شەھىرى جيەنگولۇ يولى كوچا باشقارمىسى لىجىڭ مەھەللىسى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش يۈرۈشلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى كىچىك دوستلارغا «福» خېتى ۋە چۈنليەن يېزىشنى ئۆگىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باھار بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، خەتتاتلىق ھەۋەسكارى سانجى شەھىرى جيەنگولۇ يولى كوچا باشقارمىسى لىجىڭ مەھەللىسىدە كىچىك دوستلارغا «福» خېتى يېزىشنى ئۆگەتمەكتە.              تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، خەتتاتلىق ھەۋەسكارى كىچىك دوستلارغا «福» خېتى يېزىشنى ئۆگەتمەكتە.            تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

    باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، سانجى خۇيجيا دەۋر مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ تاللا بازىرىدا، دۈيليەن، ئاسما بېزەك بۇيۇم قاتارلىق باھار بايرىمىلىق زىننەت بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، مال جازىسىغا يېڭى كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە، گۆش قاتارلىق تاۋارلار لىق تىزىلغانىدى، مال سېتىۋالغىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى سانجى خۇيجيا دەۋر مال سېتىۋېلىش مەركىزى تاللا بازىرىدا باھار بايرىمىلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماقتا. 

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى سانجى خۇيجيا دەۋر مال سېتىۋېلىش مەركىزى تاللا بازىرىدىن كۆكتات سېتىۋالماقتا.     تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 3-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ «قىزىل پانۇسلار ئېگىز ئېسىلدى مەن چاغانتوقايدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزىمەن» 2-نۆۋەتلىك باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى بۇ ناھىيەنىڭ قارابۇرا يېزىسى شىمالىي قارابۇرا كەنتىدىكى «جىنيۈ ۋۇۋېيلى» پىيادىلەر سودا كوچىسىدا باشلىنىپ، نۇرغۇن ئىستېمالچىنى جەلپ قىلدى.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىستېمالچىلار «جىنيۈ ۋۇۋېيلى» پىيادىلەر سودا كوچىسىدىن پىششىق يېمەكلىك سېتىۋالماقتا.      ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياسەن كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار ۋە مەھەللە ئاھالىلىرى شادىيانە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.       سۇن جېنسۇڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.