تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

سىز ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىۋاتقان بۇ نەرسىلەرنىڭ زىيىنى بەلكىم تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدىنمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن

    مەنبە: شىنخۇا تورى  

    كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا شېكەر كەم بولسا بولمايدۇ، يەنە نۇرغۇن كىشى «شېكەرنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدۇ»، بىراق شېكەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك، كۆپ ئىستېمال قىلىش راك كېسىلى، دىيابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، مەن سىزگە شېكەر ئىستېمال قىلىشتىكى تۆت خىل ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قوياي.

1

شېكەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ زىيىنى ناھايىتى چوڭ 

   1. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ 

   تاتلىق يېمەكلىكلەر بەزى راك كېسەللىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار راك كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن. شېكەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سېمىزلىك كۆپ خىل راك كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب. 

    2. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ                                                                                                            
   تاتلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، قان شېكىرى ئۆرلەپ، ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. بالىلارنىڭ تامىقى ئازلاپ كەتسە، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ۋىتامىن، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت قوبۇل قىلىنىشى يېتەرسىز بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكى، يېتىلىشى ئاستا بولۇشى مۇمكىن.

    بۇنىڭدىن باشقا، شېكەرنىڭ بەدەندىكى مېتابولىزمى كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ خورىشىغا موھتاج. شۇڭا، شېكەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، ۋىتامىن كەملىك، كالتسىي كەملىك، كالىي كەملىك قاتارلىق ھەر خىل ئوزۇقلۇق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

   3. يۈرەك، قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ 

   ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا شېكەر ئىستېمال قىلغاندا، زىيادە شېكەر مايغا ئايلىنىپ بەدەندە ساقلىنىپ، ئاسانلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

   4. دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ 

   شېكەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ. Ⅱ تىپلىق دىيابىت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ %90 ~ %80 ىدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، سېمىزلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. 

    5. يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

   تاتلىق يېمەكلىككە خۇمار بولغان بالىلار ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسىنىڭ ئېشىشى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شېكەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قان شېكىرى ئۆرلەپ، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ سىڭىش بېسىمى بەلگىلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆز ئالمىسى ئىچىدىكى دالانچە سۈيى كۆز گۆھىرىگە سىڭىپ كىرىپ، كۆز گۆھىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك پەيدا بولىدۇ ياكى ئېغىرلىشىدۇ. 

    6. چىش چىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ 

   شېكەرنى دائىم ئىستېمال قىلىش ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى ياخشى كۆپىيىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ باكتېرىيەلەر شېكەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئېغىز بوشلۇقىدىكى كىسلاتالىق تەركىبلەرنى ئاسانلا كۆپەيتىۋېتىدۇ. چىش دائىم كىسلاتالىق ماددىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاسانلا چىش چىرىش ۋە باشقا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

    7. جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ 

   شېكەر مايغا ئايلانغاندىن كېيىن، بىر قىسمى تېرە ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ، يەنە بىر قىسمى ئەزالارنىڭ سىرتقى يۈزىگە يىغىلىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جىگەرنى ماي قاپلاپلا قالماستىن، يەنە يۈرەك، تاللارنى ماي قاپلاش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

    8. تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ 

   بىز شېكەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغىنىمىزدا، بەدىنىمىزدىكى ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى كۈچىيىپ، DNA ۋە كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. 

بۇ تۆت ئىشنى ياخشى قىلىپ، شېكەرنى ساغلام ئىستېمال قىلىڭ 

    شېكەرنى ساغلام ئىستېمال قىلىشتا، بۇ تۆت ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك:

    بىرىنچى، شېكەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش 

   «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2022)»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپكە ئاساسەن: ھەر بىر ئادەم كۈنىگە قوبۇل قىلغان شېكەرنىڭ مىقدارى 50 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەڭ ياخشىسى 25 گىرام ئىچىدە تىزگىنلىنىشى كېرەك. 

     ئىككىنچى، يېمەكلىكلەردىكى يوشۇرۇن شېكەردىن ھوشيار بولۇش 

     1. ئۇششاق يېمەكلىك سېتىۋالغاندا بەلگىسىگە قاراش: 

    بەزى ئۇششاق يېمەكلىكلەر گەرچە تاتلىق بىلىنمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قوشۇلغان شېكەر ئاز ئەمەس. گىلۇكوزا، قومۇش شېكىرى، مېۋە قەنتى، سۈت قەنتى، مالتوزا، ھەسەل ۋە كۆممىقوناق قىيامى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قەنت تۈرىگە تەۋە بولۇپ، يېمەكلىك خۇرۇچلىرى جەدۋىلىنىڭ قانچە ئالدىغا تىزىلغان تەركىب بولسا، ئۇنىڭ مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا چوقۇم يېمەكلىك بەلگىسىگە قاراشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئورالما يېمەكلىكلەردە يوشۇرۇن شېكەر بولسىمۇ، ئاسانلا بايقىۋالالايمىز. 

   2. تاتلىق قورۇما، قىزارتما قورۇمىلارنى كېمەيتىش:

   تاماق ئەتكەندە تاتلىق قورۇما، قىزارتما قورۇما قاتارلىقلاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. تاڭسۇ پەيگۇ، يۈشياڭ روۋسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى قەنتلىك قورۇمىلار بولۇپ، بىر كىشىلىك قورۇما تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى تەخمىنەن 25 ~ 30 گىرام كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، پەمىدۇر قىيامى، كاۋاپ شىرسى قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچ قىياملارنىڭ ھەر 100 گىرامىدا 15 گىرام ئەتراپىدا قەنت بولىدۇ. 

   3. «تۆۋەن قەنتلىك» ۋە «قەنتسىز» بەلگىسى چاپلانغان يېمەكلىكلەردە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

   ● قەنتسىز يېمەكلىكلەرگە تاتلىق تەم كىرگۈزىدىغىنى سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ. تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ ئوزۇقلۇق ماددا ئەمەس، ئېنېرگىيە ھاسىل قىلمايدۇ ياكى ئېنېرگىيە ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشمۇ بەدەننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 

   ● تۆۋەن قەنتلىك يېمەكلىكلەردە ئۇنىڭ تۆۋەن قەنتلىك بولۇش ئۆلچىمىگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك (100 مىللىلىتىر سۇيۇقلۇق ياكى 100 گىرام قاتتىق جىسىمدىكى قەنت مىقدارى بەش گىرامدىن تۆۋەن بولىدۇ). 

       ئۈچىنچى، شېكەر ئىستېمال قىلىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاش

    تۆتىنچى، ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش 

   شېكەر بەدەنگە كىرىشى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ، ئەگەر مەلۇم بىر كۈنى قوبۇل قىلغان شېكەر ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن كۆپ بولسا، ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئارتۇق ئىسسىقلىقنى خورىتىش كېرەك. 

3

شېكەرنىڭ ھەممىسىلا «ناچار شېكەر» ئەمەس

    شېكەر تۈرى بىر چوڭ ئائىلە بولۇپ، بەزى شېكەرلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق، بەزى شېكەرلەر سالامەتلىككە پايدىلىق، مەسىلەن، تۆۋەن پولىمېرلىق مېۋە قەنتى (FOS). 

   ​تۆۋەن پولىمېرلىق مېۋە قەنتى (FOS) يەنە مېۋە ئولىگوساخارىد ياكى شېكەر قومۇشى ئولىگوساخارىد دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۆسۈشكە پايدىلىق ئېلېمېنتنىڭ بىر خىلى بولۇپ، فۇنكسىيەلىك تۆۋەن پولىمېرلىق قەنت، شۇنداقلا سۇدا ئېرىيدىغان بىر قەدەر ياخشى يېمەكلىك تالاسى ھېسابلىنىدۇ. 

    دائىم تۆۋەن پولىمېرلىق مېۋە قەنتىنى قوبۇل قىلغاندا، قەۋزىيەتنى پەسەيتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ساقلاش، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قاندىكى ماي مېتابولىزمىنى ياخشىلاش، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

    بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە تۆۋەن پولىمېرلىق مېۋە قەنتى مول: قارا بۇغداي، ئارپا، پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، شاڭجاۋ قاتارلىقلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.