تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يېپىشقاق سولياۋ لېنتىدا باغلانغان كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلسا راك پەيدا قىلامدۇ؟

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    سوئال: يېپىشقاق سولياۋ لېنتىدا باغلانغان كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە فورمالىن بارمۇ؟ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن راك پەيدا قىلامدۇ؟

    جاۋاب: يالغان! كۆكتاتلارنى ئوراشقا ئىشلىتىلىدىغان يېپىشقاق لېنتىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سۈزۈك پىلاستېر بىلەن ئانچە چوڭ پەرقى يوق، ھەممىسى يېپىشتۇرغۇچ سۈركەلگەن سولياۋ پەردە. سۇلياۋ پەردە بىلەن يېپىشتۇرغۇچ پولىمېرغا تەۋە بولۇپ، تەبىئىي مۇھىتتا بىر قەدەر مۇقىم ساقلىنىدۇ، پارچىلىنىپ كۆپ مىقداردا فورمالىن قويۇپ بېرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ.

    ئۇنىڭ ئۈستىگە فورمالىن پارلىنىشچانلىقى كۈچلۈك، سۇدا ئېرىشچان ماددا بولۇپ، كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئەكىلىشتىن بۇرۇن فورمالىننىڭ كۆكتات يۈزىدە قېلىپ قېلىشى ناھايىتى تەس؛ فورمالىننىڭ قالدۇقى بولغان تەقدىردىمۇ، سېتىۋالغاندىن كېيىن سۇدا يۇيۇش ھەمدە پىشۇرۇش قاتارلىق باسقۇچلار ئارقىلىق فورمالىن ئاللىقاچان يوقاپ بولىدۇ.

    شۇڭا، يېپىشقاق سولياۋ لېنتىدا باغلانغان كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە فورمالىن بار، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن راك پەيدا قىلىدۇ دېگەن نەزەرىيەگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ساراسىمىگە چۈشۈش تېخىمۇ ھاجەتسىز.

پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.