تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

«كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ» باھار بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىڭ!

ئاشقازان ئاستى بېزى «ئۆزى مۆڭ بولغان بىلەن، ئاچچىقى بەك يامان»

ئۇنىڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسىلا

بەدەندە چوڭ چاتاق چىققان بولىدۇ

ئاشقازان ئاستى بېزىنى قوغدىغانلىق

ھاياتلىقنى ساقلاپ قالغانلىق! 

سىز ئاشقازان ئاستى بېزىنى چۈشىنەمسىز؟ 

    ئاشقازان ئاستى بېزى ھەم ھەزىم قىلىش ئەزاسى، ھەم ئىچكى ئاجراتما ئەزاسى. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئىككىنچى چوڭ ھەزىم قىلىش بېزى بولۇپ، ھەزىم قىلىش ئېنزىمى (كىراخمال ئېنزىمى، ياغ ئېنزىمى، ئاقسىل ئېنزىمى) ۋە ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە قان شېكىرىنى كونترول قىلىدۇ. 

   ئاشقازان ئاستى بېزى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۈستۈنكى قورساق قىسمىنىڭ ئىچكىرىسىدە بولۇپ، ئوڭدىن سولغا قاراپ، ئومۇرتقىنىڭ ئالدىدا توغرىسىغا تۇرىدۇ، باشقا ئەزالار تەرىپىدىن ئورىلىپ تۇرىدۇ.

سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىغا ھەرگىز سەل قارىماڭ!

    سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا، ۋاقتىدا داۋالانمىسا تەرەققىي قىلىپ ئاشقازان ئاستى بېزى تالالىشىدۇ، ھەتتا ئاشقازان ئاستى بېزى قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ قېتىشىشقا ئەگىشىپ، زور تۈركۈمدىكى ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىسى ئۆلۈپ، ھۈجەيرە تەرتىپسىز كۆپىيىپ، گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا ئايلىنىدۇ.

    سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپى يۇقىرى ئامىللار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا ئون ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر دىيابېت قوشۇلۇپ كەلسە، خەۋپ-خەتىرى 33 ھەسسىگە يېتىدىكەن. ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىدىن ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا تەرەققىي قىلىش ۋاقتى تەخمىنەن ئون يىلدىن 20 يىلغىچە بولىدىكەن.

    سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى يەنە باشقا ئەزالارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنىڭ سىجىل تەسىرىدە، ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش يېتەرلىك بولماسلىق دىيابېتنى پەيدا قىلىپ، دىيابېتنىڭ بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش

ھەرگىزمۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ- ئىچمەسلىك كېرەك

    ئۇزاق مۇددەت ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماقنى كۆپ يېگەندە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ھەر قېتىملىق تاماقتا يەتتە- سەككىز ئۈلۈش تويۇش ئەڭ مۇۋاپىق. 

    ئىسپىرت ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ بەز پۈۋەكچىلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ، كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش ئاشقازان ئاستى بېزى بەز پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت يۈكى ئېشىپ كېتىش ھالىتىدە تۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان ئىسپىرت مىقدارى 15 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

   قوبۇل قىلىدىغان ئىسپىرت مىقدارى (g) = ئىسپىرت گىرادۇسى (%) x ئىچىلىدىغان ھاراق مىقدارى (ml)x  0.8 (ئىسپىرت زىچلىقى) 

ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى بايقاش تەس، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىنتايىن مۇھىم!

    ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئورنى بىر قەدەر چوڭقۇر يەردە بولىدۇ، دەسلەپكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولمايدۇ، ئاشقازان ئاستى بېزىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن چوقۇم سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 

    قاننى قائىدىلىك تەكشۈرتۈش: دەسلەپكى مەزگىلدىكى سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىدا قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە روشەن ئۆزگىرىش بولمايدۇ، كېسەللىك باسقۇچى ئاخىرقى مەزگىلگە بارغاندا قاننى دائىملىق تەكشۈرۈشنىڭ ئۈچ كوئېففىتسېنتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

    سۈيدۈك تەكشۈرتۈش: ئەگەر جەمەتىدە دىيابېت كېسەللىك تارىخى بولمىسا، سېمىزلىك ئەھۋالىمۇ بولمىسا، قان شېكىرى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كەتسە، سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

    چوڭ تەرەتنى تەكشۈرتۈش: چوڭ تەرەتتىن ماي تامچىسى تەركىبى تەكشۈرۈپ چىقىلسا، ئاشقازان ئاستى بېزى ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    B چاۋ: ئەسۋاب ۋە دوختۇرلارنىڭ كىلىنىكىلىق تەجرىبىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر B چاۋدا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئەكس ساداسى تەكشى ئەمەسلىكى، ھەتتا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يېگىلەش، تالالىشىش، كالتسىيلىشىش ۋە كېڭىيىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى بايقالسا، CT ياكى ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.