تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باھار بايرىمى خۇشال كۈتۈۋېلىندى، بايرام كەيپىياتى قويۇقلاشتى (يېڭى دەۋر يۆگىمە رەسىمى)

    1-سۈرەتتە: 2024-يىللىق باھار بايرىمى شەندۇڭ يېزا-كەنت مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىدا، ياڭگېر ئۇسسۇلى نومۇرى نۇرغۇن ئاممىنى كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. 

جاڭ ۋېيتاڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

   2-سۈرەتتە: چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونى سىچىكوۋ قەدىمىي بازىرىدا، باش تېمىلىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش بېزەك چىراغلار ساياھەتچىلەرنى داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى. 

سۈن كەيفاڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

   3-سۈرەتتە: جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجوۋ شەھىرى دېچىڭ ناھىيەسى موگەنشەن بازىرىدىكى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى»دا، بىر كىچىك دوست بامبۇكتىن ياسالغان بۇيۇمنى كۆرسەتمەكتە. 

ۋاڭ شۇچېڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

    4-سۈرەتتە: سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لاڭجۇڭ شەھىرىدە، بىر قىسىم ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى گۇچېڭدا نومۇر ئورۇنلىماقتا. 

ۋاڭ يۈگۈي فوتوسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى)

   5-سۈرەتتە: تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىچىڭ رايونىدا ياڭليۇچىڭ دۆلەت مودا ئېقىمى چىراغ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، ساياھەتچىلەر چىراغ كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى رەن فوتوسى

   6-سۈرەتتە: خېيلۇڭجياڭ خاربىندىكى قار-مۇز شەھەرچىسىدە چىراغلار چاقناپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

قار-مۇز شەھەرچىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

  7-سۈرەتتە: جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سۇڭيۈەن شەھىرىدە، چاگەن كۆلى 22-نۆۋەتلىك قار-مۇز بېلىق تۇتۇش مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى نۇرغۇن ساياھتچىنى جەلپ قىلدى.

لى پېڭچېڭ فوتوسى

  8-سۈرەتتە: بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ھەپتە ئاخىرىدىكى سەنئەت يىغىلىشى» جىڭيۈن تيەنچياۋ باھار بايرىمىلىق باغ سەيلىسىدە، شەھەر ئاھالىلىرى قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشنى ھېس قىلماقتا.

تيەن لياڭ فوتوسى

  9-سۈرەتتە: «2024-يىللىق دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى باھار بايرىمىلىق بەخت تىلەش ___ ھەيۋەتلىك ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش» يۈرۈشلۈك ئويۇنى يېقىندا باشلاندى. سۈرەتتە: يۈرۈشلۈك ئويۇننىڭ بىرى بولغان تەن لىخۇا بىلەن مەركەز بالېت ئۆمىكى سىمفونىيە ئوركېستىرى ئۆتكۈزگەن مۇزىكا كېچىلىكى نەق مەيدانى. 

دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

   10-سۈرەتتە: جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇچيەن شەھىرى خۇبىن يېڭى رايونى زاۋخې لۇڭيۈن شەھەرچىسى مەنزىرە رايونىدا چىراغلار چاقناپ، دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمى كۈتۈۋېلىندى. 

چېن شاۋشۇەي فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)


    باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو زېمىنى قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىغا تولدى. ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلار ئېسىلدى، مەدەنىيەت مەيدان-سارايلىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، خەلق ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى، كىشىلەر ھەرخىل شەكىللەر بىلەن باھار بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇنلىرىنى كۆرۈش، پانۇس تاماشا قىلىش، بازار ئايلىنىش، مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىش، مۇزېيلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش... ھەرقايسى جايلار مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلات تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مول، كۆپ خىل بولغان مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، خۇشال-خۇرام، ئىناق كاتتا باھار بايرىمى كەيپىياتى يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى، كىشىلەر رەڭدار مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش جەريانىدا باھار بايرىمىلىق ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلدى، باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.
    مەدەنىيەت ساياھىتى ئارقىلىق باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش كاتتا باھار بايرىمىنى تېخىمۇ كۆپ «باشلاش شەكلى»گە ئىگە قىلدى، ئۇ ھەم جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى داۋاملاشتۇردى، ھەم ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتكە مول بولغان دەۋر يېڭى تۈسى قوشتى. بىز رەڭدار بايراملىق پائالىيەتلەر جەريانىدا كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپ، تەنتەنە، ئىناقلىق، ئىللىقلىق، قىزغىنلىق ئىچىدە باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو زېمىنىدا ئۇرغۇپ تۇرغان باھار بايرىمى تۈسىنى باغاشلايلى.

(«خەلق گېزىتى» مۇخبىرى ساۋ شۆمېڭ)

«خەلق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.