تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«福» خېتىنى تاپشۇرۇۋالايلى 500 پارچىدىن ئارتۇق چۇنليەن پات ئارىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈلىدۇ

    ​باھار بايرىمى ھارپىسىدا، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، شىنجاڭ خەتتاتلىق ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭدىكى خەتتات ئوقۇتقۇچىلار «مامكاپ پىلانى» ئاممىۋى پاراۋانلىق كۇرسىدىكى ھەر مىللەت خەتتات ئوقۇتقۇچى ۋە خەتتاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش باھار بايرىمىلىق بەخت يەتكۈزۈش  مەن تۇغقىنىمغا چۇنليەن سوۋغا قىلىمەن» باش تېمىسىدىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

    1-ئاينىڭ 31-كۈنى، «مامكاپ پىلانى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كۇرسىدىكى 560تىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە خەتتاتلار يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق چۇنليەن شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)غا يەتكۈزۈلدى، ئاندىن خىزمەتچى خادىملار بۇلارنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بىز بۇ باھار بايرىمىلىق ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى ئالدىن ھېس قىلىپ باقايلى!

مۇخبىرلار: ۋاڭ خۇەن، جاڭ شىنجۈن

كىرىشتۈرگۈچى: جانات تولقېن

نازارەتچىلەر: شۆ جىڭ، ۋاڭ خۇەن

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.