تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر خەلقى يۇرتىدىكى قالتىس ئۆزگىرىشلەرنىڭ قانداق نامايان قىلىنىدىغانلىقىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

چوڭ قىزىل پانۇسلار ئېسىلدى، رەڭگارەڭ گۈللۈك پانۇسلار يورۇدى، يېڭى يىلنىڭ قەدىمى بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا. مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» كۆپچىلىكنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشىدە تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى. ھارپا كېچىسى قەشقەر شۆبە مەيدانىدا تۇرمۇش پۇرىقى ۋە چىن ھېسسىياتقا تولغان قالتىس نومۇرلار ئورۇنلىنىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى خۇارېنلارنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى ئۆتكۈزۈشىگە ھەمراھ بولىدۇ.

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى قەشقەر شۆبە مەيدانىدا نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان قالتىس ئويۇنلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئويۇن قويۇش سەھنىسىنى جىددىي، تەرتىپلىك تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى تۆت شۆبە مەيداننىڭ سەھنە لايىھەسىدە ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپ، تاماشىبىنلارنى قالتىس نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندۇرۇش بىلەن بىللە، ھەرقايسى جاي مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلغانلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

قەشقەر شەھەر ئاھالىلىرى بۇ گۈزەل پەيتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق ئىلكىدە كۈتۈش بىلەن بىللە، يەنە قەشقەرنىڭ جەلپكارلىقىنى دۇنياغا يېپيېڭى شەكىل بىلەن نامايان قىلىدىغان تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتۇشقا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى.

«قەشقەرنىڭ ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانى بولالىغانلىقىدىن ھەر بىر قەشقەرلىك ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولدى.» قەشقەر ساياھەت يېتەكچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇشتىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تايانچ نۇقتىسى بولغان شەھەر ۋە جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان شەھەر بولۇشقىچە، قەشقەر «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك بولۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى مول، ئادىمىيەت پۇرىقى قويۇق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، زامانىۋىلاشقان كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، «قەشقەرنىڭ ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانى بولۇپ تاللىنىشى قەشقەرگە نىسبەتەن شەرەپ ھەم مۇئەييەنلەشتۈرۈش».

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدا باھار بايرىمى كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، سىرتتىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چىرايلىق گىرىم قىلىپ، ئۇزۇن ئەتلەس كۆينەك تاللاپ، فوتو ئاپپاراتنىڭ «تاراس» قىلغان ئاۋازىغا ئەگىشىپ گۈزەل دەقىقىلەردىن خاتىرە قالدۇردى. «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ ئىشىك ئالدىمىزدىلا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىم تېخىمۇ ئاشتى، قەشقەرنىڭ بارلىق گۈزەللىكىنى ساياھەتچىلەرگە نامايان قىلغۇم بار» دېدى ئۆستەڭبويى كوچا باشقارمىسىنىڭ كادىرى زۇبەيدە ئابدۇغېنى.

2023 - يىلى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 8 مىليون 749 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، 2022 - يىلىدىكىدىن %96.68 ئاشتى. «بۇ بىر يۈرۈش سافانى مەن يېڭىدىن سەپلىدىم، دېرىزە تەكچىسىگە ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا سېتىۋالغان يەسىمەن گۈلى، تۈگمە گۈل تىزىپ قويدۇم...» باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، «گۈلىنىڭ ئۆيى» ساياھەت ئائىلە زىيارەت نۇقتىسىنىڭ ئىگىسى سالامەتگۈل قارى بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالدى، مەن ئائىلىۋى مېھمانخانامنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئىرادىسىگە كەلدىم. ئىشىنىمەنكى، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر ئۈچۈن يەر شارىۋى <ئېلان> بولىدۇ، بۇ يىل كېلىدىغان ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ».

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى بىر دۇكاندا، ئۇيغۇر خەتتات قۇربانجان روزى چاسا شەكىللىك ئۈجمە قەغىزىگە چوڭ قىلىپ «福» دېگەن خەتنى يازدى، ئاندىن ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان ئون كىچىك «بەخت» دېگەن خەت بىلەن ئەتراپىنى ئورىدى، «بۇ ئەسەر مېنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قىلغان سوۋغام. ئۈجمە قەغىزى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى، مەن بۇ سوۋغام ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاماشىبىنلارغا شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا قەشقەر شۆبە مەيدانى سەھنىسىدە يۇرتۇمنىڭ ئەڭ گۈزەل قىياپىتىنىڭ نامايان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

كۈچلۈك دۇمباق ساداسىغا ئەگىشىپ، ئەركەك شىر دومىلاپ سەكرىدى، رەڭلىك ئەجدىھا پەرۋاز قىلدى... كوناشەھەر ناھىيەلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ھەر كۈنى بىر مەيدان ئەجدىھا - شىر ئۇسسۇلى ئوينىلىدۇ. باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، بالىلار يېڭى نومۇرلارنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. «قەشقەرنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانى بولۇپ تاللانغانلىقىدىن بىز ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، ئويۇنىمىز ئارقىلىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۈچۈن خۇشال كەيپىيات يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئېرشات تۇداجى.

«باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى بىز ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى، قانداق قىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قەشقەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ھەرتەرەپلىمە نامايان قىلىش سېنارىست ۋە رېژىسسورلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئالاھىدە سىنايدۇ. مەن باش ئىستانسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەيلى پىروگرامما شەكلى ياكى پىروگراممىنىڭ لايىھەلىنىشى بولسۇن، قەشقەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت» دېدى مەكىت ناھىيەسى دولان سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى دىلشات ئابباس.

ئەجدىھا يىلىدىكى باش ئىستانسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا قالتىس ئۆزگىرىشلەر زادى قانداق نامايان قىلىنىدۇ، ھارپا كۈنى كەچتە بۇ ھەممىمىزگە ئايان بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.