تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

بىر بېلىكى يوق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ئۈچ قېتىم ياردەم بەردى: «قىزغىن ياشلىق باھارىم تولىمۇ ئەرزىيدۇ»

«داشۆنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ سىنىپ يىغىنىدا،

شۆيۈەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەشۋىقاتىنى تۇنجى ئاڭلىغىنىمدا،

شىنجاڭغا چوقۇم بارىمەن! دەپ ئويلىغانىدىم»

سۇڭ تېڭئاۋ ساڭجوۋ سىفەن شۆيۈەنى

2020-يىللىق خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى 2-سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى 

شۇنداقلا مەكتەپ ئەۋەتكەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ بىر ئەزاسى

كوللېكتىپتىكى باشقا ساۋاقداشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا

سۇڭ تېڭئاۋ ئازراق «ئوخشىمايدۇ»

بالىلىق چاغلىرىدىكى بىر قېتىملىق تاسادىپىيلىقتا

ئۇ سول بېلىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغان

 
2023-يىلى

سۇڭ تېڭئاۋ بىر يىلدا ئىككى قېتىم شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بەردى

500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ خەتتاتلىق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ

بىر خەت بىر خەتتىن سەۋرچانلىق بىلەن بالىلارغا ئۆگەتتى

بۇ داشۆ ئوقۇغۇچىسى

پىراكتىكا قىلىش ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى قالتىس ئورۇنداپلا قالماي

يەنە قەيسەر، ئۈمىدۋار پوزىتسىيەسى ۋە جان تىكىپ ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى

بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈردى...

سۇڭ تېڭئاۋ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بەرگەندە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن چۈشكەن ئوپچە سۈرەت.  سۈرەتنى ساڭجوۋ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن

قانچە تونۇش بولغانسېرى، شۇنچە ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ

ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلغاندا

سۇڭ تېڭئاۋنىڭ بىرىنچى ئارزۇسى 

قەتئىيلىك بىلەن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاش بولدى

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ نىشانى

«تېخىمۇ كۆپ ماھارەت بىلەن

شىنجاڭغا قايتىپ، شىنجاڭدا قېلىش ئىكەن»

سۇڭ تېڭئاۋ بالىلار بىلەن خۇشال ئۆتمەكتە.  سۈرەتنى ساڭجوۋ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن

2024-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى

ساڭجوۋ سىفەن شۆيۈەنى ھەرقايسى شۆيۈەنلەردىن 

يېڭى بىر تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىش ئىسىملىكىنى توپلىدى

سۇڭ تېڭئاۋ يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس تولدۇردى

ئۇ بىر تەرەپتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق پىراكتىكا قىلىش

يەنە بىر تەرەپتىن شۇ جايدىكى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىشنى پىلانلىدى

سۇڭ تېڭئاۋ سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.   سۈرەتنى ساڭجوۋ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن

ھازىر

قىشلىق تەتىلگە چىققان سۇڭ تېڭئاۋ ئۆيدە ئوقۇتۇش لايىھەسى تەييارلاپ

ئەتىيازدا ئۈچىنچى قېتىم مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا

ئۇ ئۈچىنچى قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىلتىماسى تولدۇرغاندا مۇنداق يازدى:

«مەن ئۆزۈمنى ئۇنچە ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان كىشى دەپ كېتەلمەيمەن

يەنە ئۆزۈمنى ئۇنچە يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئىش قىلدىممۇ دېيەلمەيمەن.

ئەمما، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا،

مېنىڭچە،

قىزغىن ياشلىق باھارىم تولىمۇ ئەرزىيدۇ!»

تورداشلار بەس-بەستە سۇڭ تېڭئاۋ ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى

«جۇشقۇن، كېلىشكەن! يارايسىز!

«ئوخشاش بولمىغان ھاياتتا ئوخشاش بولغان گۈلدەك ئېسىل ھايات بولىدۇ»


باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان 3-ئايدا

سۇڭ تېڭئاۋ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ

بۇ قېتىم

  ئۇنىڭ ئاشۇ ئوماق بالىلار بىلەن

تېخىمۇ كۆپ تەسىرلىك ھېكايىلىرى بولىدۇ...

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.