تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى يوقلىدى ھەم مۇزاكىرىگە قاتناشتى، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

تيەن شياڭلى مائارىپ ساھەسىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل ياخشى دوكلات بوپتۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ ئارزۇسى، سىياسىي كېڭەش فۇنكسىيەسىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك كېڭىشىش ۋاسىتىلىرى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى تايانچ قىلىپ، زۆرۈر تەكلىپلەرنى بېرىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى دەل جايىدا مۇھاكىمە قىلىش، نازارەت قىلىشتا ئاچقۇچلۇق جايلارنى تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مائارىپ ساھەسىدىكى ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى چۆرىدەپ كېڭىشىش، نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارغا زىچ يېقىنلىشىپ كۆزدىن كەچۈرۈش، نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چىڭ كۆزلەپ مەخسۇس نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈم - مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن ۋېيجۈن ئىقتىساد ساھەسى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر پىلانى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى تولۇق نامايان قىلىنىپ، دىققەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى» چىڭ كۆزلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ. شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، سىياسەت، بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى كەسىپلىشىش، كۈچىيىش، زورىيىشقا يېتەكلەپ ۋە ياردەم بېرىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ سانىنى سىجىل كۆپەيتىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن ئالاھىدە تەكلىپلىك زاتلار ساھەسى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق، تەرەققىيات پىكىر يولى روشەن، خىزمەتلەرنى پىلانلىشى ئەمەلىي بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىنىپتۇ. يېڭى مەزگىلدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ ئىش»نى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقتىن ئىبارەت «ئىككى مۇھىم نۇقتا»نى ئىلمىي ئىگىلەپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش بىلەن دائىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئىككى ئاچقۇچ»نى سىستېمىلىق ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى «ئىككى بازا»نى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى «ئىككى جەڭ مەيدانى»دا غەلىبە قىلىشنى ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەنگەن بولۇپ، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ، مەسىلىلەر دەل جايىدا تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، كىشى قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، تەرەققىيات يۇقىرى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ پىلانلانغان بولۇپ، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، خىزمەت تەدبىرلىرى ئېنىق، كۈچلۈك بولۇپ، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدۇ. دوكلاتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، قىممىتى يۇقىرى، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك تېخىمۇ كۆپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ماھىيەتلىك ھەل قىلىشىنى قوللاش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ھەقىقىي چارە - تەدبىرلەرنى قاراتمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ۋە پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قىزىق نۇقتا تېمىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولدى. ئېلزات ئەخمەتجان مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى ئەزالار ئىككى يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، يىغىن روھىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مىللەت - دىن خىزمىتى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ھەرقايسى ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، تەكلىپ بېرىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، جاڭ لېي، گو چيەن، سۈي يۈنيەن، مېھرىگۈل غوپۇر)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.