تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، خې جۇڭيوۋ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، نەتىجىلەر ئەتراپلىق خۇلاسىلەنگەن، ۋەزىپىلەر ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تامامەن ئۇيغۇن، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، بۇ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. 2023 - يىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقىدىن بولدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

خې جۇڭيوۋ ئەزالارغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى، ئەزالارنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. بۇ يىل ئۈرۈمچى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە پىلانلاپ قۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنى يادرو قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق شەھەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ قۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا سەمىمىي قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاممىنىڭ دەردىگە چىن ھېسسىيات بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدۇ.

خې جۇڭيوۋ ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەقلىي كۈچ مۇجەسسەملەنگەن بولۇش، خاسلىقى گەۋدىلىك بولۇش، ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى مۇھىم مەسئۇلىيەت بىلىپ، «خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر»نى ھەرىكەت يۆنىلىشى قىلىپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر كېڭىشىش ئارقىلىق ياخشى تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەش ئارقىلىق بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

چېن مىڭگو، جارۇللا ھېسامىدىن، لى يۇڭخۇڭ، جۇ شۆبىڭ مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.