تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىش كېرەك

لى يىفېي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شيې خۇيبيەن، گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار بىرلەشمىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، تاشقى دوستلۇق ساھەسى، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى، نىشان - ۋەزىپىلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بولغان چۈشىنىش، ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىش كېرەك.

مۇزاكىرىدە دېڭ مىڭجياڭ، رېن چېڭ، ۋاڭ چېڭ قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. لى يىفېي سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا يەنە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تۈردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى يىفېي مۇنداق تەكىتلىدى: 2024 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، پۇرسەت تېپىلغۇسىز، ئىستىقبال پارلاق. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 -، 9 -، 10 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن قەلبىنى مۇجەسسەملىشى، كۈچنى توپلىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر ئۇللۇق مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئۆستۈرۈپ، تەشۋىقات، ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىۋى پىكىرنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى سۆزلەش كېرەك.

ۋاڭ گاڭ، ئېزىز مۇسا، ھەسەنجان ئەخمەت مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.