شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا تولۇقلاپ سايلىنىدىغان مۇئاۋىن رەئىس، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى نامزات ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، نامزات ئىسىملىكىنى تەرتىپ بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا بېلەت تاشلاپ سايلاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى (لايىھە)؛ باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلىرى ۋە ئىسىملىكلەرنى تەرتىپ بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە ئالاقىدار ھۆججەت لايىھەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى ماقۇللاندى.
يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى(لايىھە)نى قاراپ چىقتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.