تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

​نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ جۇ مۇزاكىرىگە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ساھەسى، تېببىي دورا - ساقلىقنى ساقلاش ساھەسى، تەنتەربىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، كۆپرەك ياخشى تەكلىپ بېرىپ، كۆپرەك ياخشى مەسلىھەت كۆرسىتىپ، كۆپرەك ئەمەلىي تەدبىر پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

ئەزالار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ۋاڭ خۇيچىڭ، ئادىل ئەستۇللا، شيا جيەنشىن، گۇەن ۋېنلۇڭ، دىڭ يوۋمىڭ، ياڭ جۈن، ئاينۇر ياسىن قاتارلىق ئەزالار ئاشلىق بىخەتەرلىكى، خاس جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپى، مېيىپلەر ئىشلىرى، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشى، قار - مۇز تەنھەرىكىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى. ئەركىن تۇنىياز ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى ئەزالار توغرا ھەم ئېنىق بولغان نۇرغۇن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ناھايىتى ياردىمى بار، بىز ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىمىز.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى دادىل ھەل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، نۇرغۇن نۇقتىلىق ساھەدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭغا كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يىل، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دىققەتنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار تەرەققىياتى، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، تەنتەربىيە ئىشلىرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىشى كېرەك. ھەر ساھە ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلىپىنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا توپلاپ، ئىپادىلەپ، ئىنكاس قىلىپ، ئالاقە باغلىغان ساھەدىكى ئاممىغا پارتىيەنىڭ سىياسىتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرىدىغان، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان، زىددىيەتنى ھەل قىلىدىغان، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىدىغان، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا يۈزلىنىپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش نەتىجىلىرىنى گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

مەردان مۇقىيىت، كۇڭ شىڭلۇڭ مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.