تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىككى يىغىندىن ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭغا نەزەر

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرى ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياقۇپ پەتتۇللانى زىيارەت قىلدى.□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، جېڭ جو، مېھرىگۈل غوپۇر

يېڭى يىل باشلىنىپ، كاتتا يىغىندا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئەلچىلىرى، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى بىر قىسىم چىياۋمىن قېرىنداشلار ۋە بىر قىسىم شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق زاتلار قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى، ئىككى يىغىندىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ دېموكراتىك ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپىتى نامايان قىلىندى.

يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش

بۇ يىلقى شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدا يېڭىلىق كۆپ بولدى، تۇنجى قېتىم ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىندى، تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلىشىش ھەمراھ دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا، بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى.

«خىلمۇخىل ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.» 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، زىيارەت ئۈسكۈنىلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن ئورۇۋېلىنىپ ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئاينۇر مەۋلۇتنىڭ تەسىراتى چوڭقۇر بولدى.

سەمىمىيلىك ئاق كۆڭۈللۈك دېگەنلىكتۇر، ئېچىۋېتىش ئىشەنچتىن كېلىدۇ. يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىغان شياڭگاڭ سودا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ۋېڭ خەيچيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىزچىل ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپەت بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ كەلدى.

ۋېڭ خەيچيەن شىنجاڭدا دائىمىي تۇرۇشلۇق بولۇپ، بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ تۇنجى قېتىم چېگرا سىرتىدىكى مۇخبىرلارنى ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتى چوقۇم ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىنىدۇ. شياڭگاڭ فېڭخۇاڭ ھەپتىلىك ژۇرنىلى مۇھىم تېما بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى، باش مۇخبىر جاڭ چىمۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئاخبارات ئېچىۋېتىش جەھەتتىكى ئىشلارنى بارغانسېرى ياخشى قىلماقتا.

«شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يىغىن مەزگىلىدە چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭنى نامايان قىلدى.» ئاۋمېن گېزىتىنىڭ مۇخبىرى تيې يى مۇنداق بىلدۈردى: ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىدىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئىككى يىغىن شىنجاڭنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇشىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىشتىكى مۇھىم سۇپا.

«شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىنى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە نىسبەتەن يەنىمۇ تونۇشقا ئىگە بولدۇم. يەنە شىنجاڭ قاتلىمىدىن سىياسىي تارقىتىش تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەنلىكى، ئەلالاشتۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلدىم.» پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى بىلال چودۇرى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن، ئورتاق قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - پاكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى، يېڭى ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېڭى پۇرسەتتە يېڭى نەتىجە يارىتىش

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ئېچىلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، 2023 - يىلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى، دەپ كۆرسىتىلدى، بۇ، يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تولىمۇ روھلاندۇردى.

ئاشلىقنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ كۆلىمى، ھوسۇلى بىردەك مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى؛ پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 22 مىليون 610 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى؛ مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۇچا يېشىل توك ئارقىلىق ھىدروگېن ئېلىش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى... تۈرلۈك خىزمەتلەر، قاتار - قاتار سانلىق مەلۇماتلار ئۆتكەن بىر يىلدىكى يارقىن نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات يېڭى بىر يىللىق خىزمەتلەردىكى ماياك، ئۇنىڭدا 2024 - يىلى «رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش» نىشانى بېكىتىلدى، يۇقىرى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ كۈرەش قىلىدىغان بىر يىل باشلىنىدۇ.

چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ بىر قىسىم مۇخبىرلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى پۇرسەتتە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

«بۇ يىللىق تاشقى سودىدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشقا ئىشەنچىڭلار بارمۇ - يوق؟» ئىككى يىغىندا، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەندىن شۇنداق دەپ سورىغاندا، ئۇ كەسكىن ھەم جاراڭلىق ھالدا «ئىشەنچىمىز بار!» دەپ جاۋاب بەردى.

لى شۈەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پۇرسەتمۇ بار، خىرىسمۇ بار، گەرچە يەرشارىۋى سودا ئېھتىياجى تارىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپاغا يۈزلەنگەن رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتەك تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاچقا، ئىمپورت - ئېكسپورتتا يەنىلا بىرقەدەر كۈچلۈك. «بىزنىڭ جاسارىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار» دېدى ئۇ تەكىتلەپ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چۆچەك شەھىرى باقتۇ پورتى مەبلەغ سېلىش - قۇرۇش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تالغار ئادىل مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى يىغىندا چەت ئەللىك بىر قىسىم مېھمانلار سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىنىپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا ئوبرازى ۋە ئىناۋىتى ئۆستۈرۈلدى، بۇ، ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇزاقتىن بۇيان، غەرب دۆلەتلىرىدە شىنجاڭغا قارىتا بەزى خاتا چۈشەنچىلەر ۋە قارا چاپلاشلار ساقلىنىپ كەلدى. چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرىنى ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى شىنجاڭنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، ھەقىقىي چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش خاتا چۈشەنچىلەر ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ ئورتاق ئاتلىنىش

«شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى <يىل> بويىچە ھېسابلىماي، <كۈن> بويىچە ھېسابلاش كېرەك.» ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئالاش شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل ئىشەنچ بىلەن قاراپ كەلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى يىغىن شىنجاڭنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، توغرا ماكرولۇق يىرىك پىلانغا ئىگە قىلىدۇ، ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭ خەلقى بۇ جاينى تېخىمۇ گۈللەنگەن ۋە مۇقىم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. «مەنمۇ ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىككى جاي خەلقلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمەن».

شياڭگاڭ رايونى مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى چېن شياۋفېڭ تەكلىپ بىلەن شياڭگاڭ ۋەكىلى سالاھىيىتىدە سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مېنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا تۇنجى قېتىم سىرتتىن قاتنىشىشىم، سەل تۇرۇپ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ھەم باجدىن خالىي رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولىمەن. شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ناھايىتى چوڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى بار، دەپ قارايمەن.

سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش جەھەتتە، چېن شياۋفېڭ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە، بولۇپمۇ شوخلا شەربىتى ۋە پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلاردا تەرەققىيات بوشلۇقى ناھايىتى كەڭ، مېۋە - چېۋە قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شياڭگاڭغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. شىنجاڭ كارخانىسى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى شياڭگاڭدا پېيىنى بازارغا سالدى، شياڭگاڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ كاپىتال بازىرىغا يۈزلىنىشىگە كۈچ قوشالايدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سۇخايىل خان مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچ − قاتناش، ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش تۈگۈنى، سودا تۈگۈنى بولۇش ئىستىقبالى بار، «مەن شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن ئىنتايىن ئۈمىدۋار، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېقىن كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئۈرۈمچى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ۋە سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش پائالىيىتىدىكى مەركەز بولۇپ قالىدۇ».

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش توغرىسىدا بىر قىسىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى مەركەزلىك زىيارەت قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەتتۇللا مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغان ئۈچ ئايدا، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تىجارەت سۇبيېكتى 4188 بولۇپ، ئېشىش ۋەزىيىتى كىشىنى خۇشال قىلدى. بۇ يىل مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ياخشى باشلامچى بولىمىز.

تيې يى مۇنداق دېدى: بىز يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىغان ۋە زىيارەت قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى يىرىك پىلان سارىيى، كونا شەھەر رايونى (كەپىلىك رايون)نى ئۆزگەرتىش ئارخىپخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق، مەھەللە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقىلىشىش نۇقتىسىغا باردۇق، «بۇ قېتىم مەن زىيارەت قىلىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدىم».

ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى كەبىر جۇرازو مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى يىغىندىن شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئاڭلىغۇم بار، بۇنىڭدىن كېيىن شۆيۈەننىڭ ئالاقىدار رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.