تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

​ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

​زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يىغىننىڭ سايلام چارىسى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى (تۈزىتىلمە لايىھەسى) توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى نىڭپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 548 كىشى، قاتناشقان ۋەكىل 523 كىشى بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ قىلىپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش روشەن يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، نازارەتچىلىك خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىدە يېڭى كېڭىيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆز قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت ئاپتونوم رايوننىڭ 12 نىزامىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ 31 يەرلىك نىزام، يەككە نىزامىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى، 21 مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، قاراپ چىقتى، ئون قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللىدى، 13 قېتىم مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى، مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا يەتتە پارچە قارار چىقىرىپ، 519 ئادەم قېتىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى تاماملاپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يولغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. دىققەتنى سىياسىي يېتەكچىلىككە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ دىققەتنى ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ دىققەتنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ دىققەتنى مەسئۇلىيەتنى خەلق ئۈچۈن ئادا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ۋەكىللەر خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ دىققەتنى «تۆت ئورگان»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دىلشات سايىم ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2023 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوت خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىي 723 مىڭ 100 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 666 مىڭ 100 دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى، ئاياغلاشتۇرۇلغان دېلو سانى 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %30.92 ئاشتى، ئاياغلاشتۇرۇلمىغان دېلو سانى 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %17.84 تۆۋەنلىدى، سوت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. 2024 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشتا يېڭى مەنزىلگە قەدەم قويۇش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە يېڭى سەھىپە پۈتۈش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشكە ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ، كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى گاۋ جىمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2023 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولدى، بىر يىلدىن بۇيان تۈرلۈك دېلودىن جەمئىي 129 مىڭ 304نى بېجىردى، بۇ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.3 ئاشتى. ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋا دېلوسىدىن 7837نى، جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي دەۋا نازارەتچىلىكى دېلوسىدىن 42 مىڭ 486نى بېجىردى. يېڭى بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئىقتىدار، ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلىنى تۇتقا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈپ تۈزەش ئارقىلىق جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، تەپتىش قىلىشنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.