قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى، يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭنڭ ئىككى يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى يەن مېي مۇنداق بىلدۈردى: كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىدىكى «كوزىر»لىرىنى ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ «ئالتۇن مېدالى»غا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يەن مېي مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، قارلىق تاغ، مۇزلۇق، بىپايان قۇملۇق، ئېگىزدىكى پامىر ئېگىزلىكى، مۇنبەت دەريا ۋادىسى تۈزلەڭلىكى بار. لېكىن شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ كەسىپ زەنجىرى قىسقا، تەبىئىي بايلىق بىلەن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىۋى ساغلاملىق، مەدەنىيەت، پەن ـ تېخنىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئورتاق گۈللىنىش، ساغلام كۈتۈنۈش، سالقىنداش ئىستىراھىتى، دەم ئېلىش ـ داۋالىنىش، تاغلىق تەنتەربىيەسى قاتارلىق ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پىلانلاش، رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە بەلگىلىك تەرەققىيات بوشلۇقى بار.