شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
تيەن شياڭلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپتۇ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىنىپتۇ. بىز 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتى بىلەن سىياسىي نازارەتچىلىكنى، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە، ساغلام، تەرتىپلىك بولغان تەرەققىيات مۇھىتى ۋە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان قويۇق كەيپىياتنى سىجىل بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
چېن ۋېيجۈن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ تىلى ئاممىباب، نىشانى ئايدىڭ، پىكىر يولى ئېنىق، تەدبىرلەر كۈچلۈك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئەمەلىي، روھنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، دوكلات پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى. ھازىر، شىنجاڭ تېپىلغۇسىز ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى، سىياسەتنىڭ گىرەلەشمە پايدىسىنى قويۇپ بېرىش مەزگىلى، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز توپلاش مەزگىلى، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ھالقىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش تەرەققىيات كۆزنەك مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەر، يول ۋە تەدبىرلەر تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى روشەن، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، تەبىئىي بايلىقى مول، مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، تەرەققىياتى ھاياتىي كۈچكە تولغان. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىيات نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، ئەۋزەللىكنى، ئالدىن يۈرۈشنى، كەسىپنى، سۇپىنى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى، ئېنېرگىيە دەرىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ۋاڭ مىڭشەن تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، نەتىجىلەرنى يەكۈنلىشى ئەمەلىي، خىزمەتلەرنى پىلانلىشى ئىنچىكە بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، يىراق كەلگۈسى كۆزلەنگەن، باش تېمىسى روشەن، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەتراپلىق، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. بىز تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ ئىش»نى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقتىن ئىبارەت «ئىككى مۇھىم نۇقتا»نى ئىلمىي ئىگىلەپ، قانۇنچىللىق مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپ - خەتەرنى مۇقىم تۈگىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش داۋامىدا ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. قانۇنچىللاشتۇرۇش بىلەن دائىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئىككى ئاچقۇچ»نى سىستېمىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، مۇقىملىقنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى ياخشى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.
ۋاڭ جيەنشىن قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ «مىقدار» جەھەتتە يەنە يېڭى پەللىگە ئۆرلىگەنلىكى، «سۈپەت» جەھەتتە يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، «ئىسلاھ قىلىش» جەھەتتە يېڭى بوشلۇق ئاچقانلىقى، «چوڭقۇرلاشتۇرۇش» جەھەتتە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، نىشانى ئايدىڭ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا سىياسىي ئويلىنىش، خەلقچىل ھېسسىيات، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەشەببۇسكارلىق خىسلىتى نامايان قىلىنىپتۇ، مەركەزنىڭ روھى نامايان قىلىنغان، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشقان ياخشى دوكلات بوپتۇ. بۇ يىل داۋاملىق تۈردە تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملەش كېرەك.
يۈسۈپجان مەمەت قومۇل شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتقا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئىزچىل تۈردە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە ئىرادە تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ سىياسىي، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپە ۋە خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى مەھكەم ئىگىلىنىپتۇ، نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەنگەن بولۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان، مەسىلىلەر دەل جايىدا تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، كىشى قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، تەرەققىيات سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ پىلانلانغان بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، خىزمەت تەدبىرلىرى ئېنىق، كۈچلۈك بولۇپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان تۆت روشەن ئالاھىدىلىك نامايان قىلىنىپتۇ. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىش، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىش ئاساسىدا، يۈكسەك نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ۋەزىپىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، يىغىن روھىنىڭ مەسئۇل ساھەدە، ئالاقىلىشىدىغان تارماقتا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئېلزات ئەخمەتجان تۇرپان شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا 2023 - يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپتۇ، 2024 - يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، باش تېمىسى روشەن، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن بولۇپ، ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن. شىنجاڭ خىزمىتى نەتىجىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشى نېگىزدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بىز بۇرچ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. دوكلاتتا بۇ يىللىق ئومۇمىي پىكىر يولى، كۆزلىمە نىشانلار ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دەل جايىدا چۈشىنىپ ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۇرپان شەھىرى مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، يېڭى يول ئېچىپ، دىققەتنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «سۇغا ئائىت ئىشلار»نى جانلىق ئىشلەپ، ساياھەت ئالتۇن خەتلىك ماركىسىنى جۇلالاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۇرپان يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشى كېرەك.
قادېن كەبىن قاراماي شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى كونكرېت بوپتۇ، 2024 - يىللىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئون تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش ئەمەلىي، كونكرېت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. 2023 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بىز «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش» تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى قاراشنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، تەپەككۇردىكى قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ماھىرلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، خىزمەتتىكى سۇبيېكتىپچانلىق، پائالىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن ساھەدىن، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن تۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
(مۇخبىرلار شى شىن، ياڭ شۇخەن، خېي خۇڭۋېي، ۋاڭ نا، چېن چياڭۋېي، جاڭ شيۇ، يۈ جياڭيەن)