تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

جاڭ جۇ ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نەتىجىلەر ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن ئاساستا يەكۈنلەنگەن، مەسىلىلەر ئېنىق، ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان، تەرەققىيات ئىلمىي، ئەمەلىي پىلانلانغان، ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشانلار كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بولۇپ، بۇ بىر سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، باش تېمىسى روشەن ياخشى دوكلات بوپتۇ، يېڭى بىر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

جاڭ جۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، ئىگىلەش ئاساسىدا، بۇ يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان مۇھاكىمە قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم پۈتۈن ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇشقا تېگىشلىك 12 جەھەتتىكى كونكرېت خىزمەت ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان، ھەم «قانداق قاراش» ئېنىق سۆزلەنگەن، ھەم «قانداق ئىشلەش»كە يېتەكچىلىك قىلىنغان، بۇ، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش خەرىتىسى بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى، روھنى ئۇرغۇتتى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

جاڭ جۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قېزىلما بايلىق زاپىسى مول، سۇ، تۇپراق، شامال، يورۇقلۇق بايلىقى يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ساياھەت بايلىقى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدۇ، جۇغراپىيەلىك رايون ئورنى ئەۋزەللىكى روشەن، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ياخشى باشلامچى بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئالتاي تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.