تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

خې جۇڭيوۋ ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

خې جۇڭيوۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلغان، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، نەتىجىلەرنىڭ خۇلاسىلىنىشى ئەتراپلىق، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ۋەزىپىلەر ئېنىق، كونكرېت بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تامامەن ئۇيغۇن، بۇ بىر ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، بۇ دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

خې جۇڭيوۋ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا مۇھىم بۇرچنى زىممىگە ئالغان. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تەلىپىنى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلاردا باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە پىلانلاپ قۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يول ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللاشقان، قولايلاشقان، خەلقئارالاشقان سودا - سېلىنما مۇھىتى يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق شەھەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.