− ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
قەھرىتان قىش ھامان ئاخىرلىشىدۇ، باھارغا تەلپۈنگەندە، ئىللىق تۇيۇلىدۇ.
1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ئېچىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى «خەلقنىڭ ساداسى»نى ئېلىپ، «خەلق رايى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىنجاڭ خەلق سارىيىغا جەم بولۇپ، تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتتى.
يىغىن مەيدانىدا، كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقا پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا دۆلەت گېربى كۆزنى چاقنىتاتتى، قىزىل بايراقلار جۇلالىنىپ تۇراتتى. سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
دوكلات قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىدى، دوكلاتتىكى ھەربىر جۈملە سۆز قەلبلەرگە ئورنىدى. ۋەكىللەر پۈتۈن دىققىتى بىلەن بېرىلىپ، بەزىدە پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلىسا، بەزىدە قولىغا قەلەم ئېلىپ خاتىرە قالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى.
«پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.8 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى %6.4 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %15.3 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %12.4 ئاشتى...» 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى.
تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر، قاتار - قاتار سانلار بىۋاسىتە تارقىتىش سىگنالى ئارقىلىق مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىرىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، سانسىزلىغان كىشىلەرنى شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كۈرەش مۇساپىسىگە ئورتاق گۇۋاھ بولۇش، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېپيېڭى ئوبرازىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ مۇھىم سىياسەتلىرى كەسكىن، كۈچلۈك بولۇپ، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، بىر قاتار تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر بىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئەخەت ھۈسىيىن مۇنداق قارىدى: دوكلاتتىكى ھەربىر سۆز - جۈملىدە خەلق تۇرمۇشى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى تولۇق ئىپادىلىنىپتۇ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىراش، خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلق ئارزۇ قىلغاننى ئارزۇ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىككى يىغىن روھىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە سىڭدۈرۈپ، ئاممىنىڭ ياخشى «ۋاكالەتچىسى» بولۇپ، خەلقنىڭ «كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىشلار»نى ياخشى قىلىمەن.
2024 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، قانداق قىلىش كېرەك؟
− يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛
− دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش؛
− يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش؛
− مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش؛
…
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەردىن باشلاپ، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر بۇ يىللىق كۈرەش نىشانى، تىرىشىش يۆنىلىشى، ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى كۆرۈپ يەتتى.
«مەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئىليار ئەنۋەر، ئۇ بىر كەنت كادىرى، «دوكلاتتىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇشلار كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، بۇ يىل بىز تېخىمۇ كۆپ كەسىپ تۈرلىرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى يەنىمۇ زورايتىپ، <قان ئىشلەش> ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز».
دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كۈچى ۋە تۆھپە نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ خۇڭشيەن مۇنداق بىلدۈردى: مەن تۇرۇشلۇق جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى نېفىت شۆيۈەنى شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى تېز يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ كۈچ قوشۇشى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
«كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش شانلىق نەتىجە يارىتىدۇ.» دوكلاتتىكى بۇ بىر جۈملە سۆز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ لېيياغا زور ئىلھام بولدى. «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىر مەيدان ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئېھتىياجلىق. پەقەت ھەربىرىمىز ئىش ئورنىمىزدا بەسلىشىپ نەتىجە يارىتىپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشساقلا، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز!»
ئۇزۇن مۇساپىدە غەيرەت - شىجائەت ئۇرغۇپ تۇرماقتا، ئېغىر ۋەزىپە، قىيىنچىلىق ئالدىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. ئېچىلىش يىغىنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
يىغىن مەيدانىدىن چىققاندا، ۋەكىللەر تەمكىن، سالماق ئىدى، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
شۇ چاغدىكى ئۈرۈمچىدە قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت ئارزۇسى گىرەلەشكەن شۇ پەيتتە، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى مىسلىسىز ياڭراق چېلىندى.