تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ بەرگەن كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. سايلام چارىسى (لايىھە)؛ تەكلىپ نامزاتلىرى ئىسىملىكى لايىھەسى؛ باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) قاراپ چىقىلدى. يىغىندا يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلىرى ۋە ئىسىملىكلەرنى بارلىق ئەزالارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا ۋە پىكىرلىشىپ كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە كادىرلارنى تەيىنلەش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كادىرلارنى تەيىنلەش ئىسىملىكى لايىھەسى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سۇنۇلىدىغان تۈرلۈك ھۆججەت لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.