تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

زۇمرەت ئوبۇل بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئومۇمىي ۋەزىيەت قارىشى كۈچلۈك، خىزمەت تەدبىرلىرى ئەمەلىي، خەلق تۇرمۇشى ئاساسىي رېڭى قويۇق بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: 2024 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. 2024 - يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. شىنجاڭ خىزمىتى نۇرغۇن پايدىلىق ئامىل ۋە پۇرسەتكە توغرا كەلدى، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىمۇ يېڭى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار كۆرۈلىدۇ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. بورتالا ئوبلاستى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك يولى، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، بايلىقى مول، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى، خەلقئارا سودا بىخەتەر، راۋان بولغان غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا سىجىل كۈچەش كېرەك. پورت قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك؛ خاس كەسىپلەرنى تۈرتكە قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ساياھەت داڭلىق ماركىسى يارىتىشنى نام كارتىسى قىلىپ، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ساياھىتى ئېسىل مەھسۇلاتى بەرپا قىلىش كېرەك؛ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل يېڭى بورتالا ئوبلاستى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.