تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەشۋىقات ئېلانى丨ئېنىق چۈشەنچە − ئەزا سۈن شيا

2024-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىغا نەزەر

يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ باتۇرلۇق بىلەن نەتىجە يارىتايلى

ئېنىق چۈشەنچە

ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل توك سودىسى شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى ئېنېرگىيە سودا توك مىقدارىنىڭ ئومۇمىي سودا توك مىقدارىدىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا بازىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن كۈچەپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەۋسىيە بەردى.

سۈن شيا

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى

    جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۈن شيا


    «ھازىر، شىنجاڭنىڭ شامال، يورۇقلۇقنى ئاساس قىلغان يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، لېكىن يېڭى ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشى جەھەتتە يەنە بەلگىلىك يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، تۆت جەھەتتىن كۈچەپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن.» شىنجاڭ ئىككى يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۈن شيا شۇنداق تەۋسىيە بەردى.

    شىنجاڭ دۆلەت پىلانلاپ قۇرغان چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل تېزلىتىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى، چوڭ-چوڭ سۇ ئېلېكتىر تۈرلىرى ۋە سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2023-يىلى، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك تورلاشتۇرۇلغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 22 مىليون 510 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئۆتكەن سەككىز يىلدا تورلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي يىغىندىدىن ئېشىپ كەتتى.

    «يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىشتا مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت، ئۆلكە، رايون ھالقىغان يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى سۈن شيا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.