2024-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىغا نەزەر
يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ باتۇرلۇق بىلەن نەتىجە يارىتايلى
ئېنىق چۈشەنچە
ئاممىۋى رايوندا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى تۈزۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەرلەردىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تەۋسىيە قىلدى.
چېن جىيەن
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى
جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى
كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى
شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چېن جىيەن ئاممىۋى رايوندا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى تۈزۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەرلەردىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تەۋسىيە قىلدى.
2023-يىلى، چېن جىيەن كورلا شەھىرىنى ئۈلگە قىلىپ، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ۋە سەۋەبىنى تەكشۈردى. «2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كورلا شەھىرىدىكى تۈرلۈك ئاپتوموبىللارنىڭ ساقلانما مىقدارى 250 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 6024 بولۇپ، ئاران %2.4نى ئىگىلىدى.» چېن جىيەن مۇنداق دېدى، نۆۋەتتە، كورلا شەھىرىدە سودىدا ئىشلىتىلىدىغان تېز سۈرەتتە توك قاچىلايدىغان توكلىغۇچ ئاران 300دىن ئاشىدۇ، يەنە توك قاچىلاش پونكىتى (توكلىغۇچ) قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.