تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

2-ئايدىن باشلاپ بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ

2024-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ

بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ

  تويلۇق ماجىراسىغا چېتىشلىق دېلولارنى سوت قىلىش، ھۆكۈم چىقىرىش قائىدىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ

   2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تويلۇق ماجىراسىغا چېتىشلىق دېلولارنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خەلق سوت مەھكىمىسى تويلۇق ماجىراسىغا چېتىشلىق دېلولارنى سوت قىلىشتا، بىر تەرەپنىڭ پۇل-مال بېرىش مۇددىئاسىغا ئاساسەن، ئىككى تەرەپنىڭ يەرلىك ئۆرپ-ئادىتى، پۇل-مال بەرگەن ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى، پۇل-مالنىڭ قىممىتى، بەرگۈچى ۋە قوبۇل قىلغۇچى قاتارلىق پاكىتلارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، تويلۇق دائىرىسىنى بېكىتسە بولىدۇ.

   تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورتى بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

    2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورتى بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش چارىسى»دە مۇنداق بەلگىلەندى: تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى ياشانغانلار، بالىلار، كېسەل، مېيىپ، ھامىلىدار يولۇچىلارنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش جەھەتتە ئالدىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى؛ ۋوگزال بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولىنىڭ ئېچىلىش سانىنى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ۋاقتىدا تەڭشەپ، يولۇچىلارنىڭ بېكەتكە كىرىشى راۋان بولۇش قاتارلىقلارغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

   تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنىڭ تەرەققىياتى قوللاشقا ئېرىشىدۇ 

   2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «جۇڭگو خەلق بانكىسى دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكرى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىجارىلىك تۇرالغۇلارنى كوللېكتىپ تۈركۈملەپ سېتىۋېلىشتىكى مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تۇرالغۇ ئىجارىسىگە ئالاقىدار كوللېكتىپ ئۆي سېتىۋېلىش قەرزىنىڭ مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 30 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. تۇرالغۇ ئىجارىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تىجارەت خاراكتېرلىك قەرز پۇلى تارقىتىشنى قوللاپ، سودا بانكىلىرىنى تۇرالغۇ ئىجارە بېرىش كارخانىلىرىنىڭ ئېھتىياج ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئەندىزىسى ۋە پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

   جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامى ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىدە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

   «جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش چارىسى» 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. چارىدە مۇنداق بەلگىلەندى: جۇغراپىيەلىك بەلگىدە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بەلگىنى قانۇنلۇق ئىشلەتكۈچىلەر دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدىن ئاساسىي نۇسخا سىزما رەسىمىنى  چۈشۈرۈشى كېرەك. جۇغراپىيەلىك بەلگىدە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بەلگىنىڭ سىزما رەسىمىنى نىسبەت بويىچە كىچىكلىتىشكە بولىدۇ، ئىزاھات چوقۇم ئېنىق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدىغان بولۇشى كېرەك، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بەلگىنىڭ سۈرىتى، شەكلى، قۇرۇلمىسى، خەت شەكلى، سۈرەت-يېزىق نىسبىتى، رەڭ قىممىتى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

   ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىدا ئىئانە تالونى ئىشلىتىش-باشقۇرۇش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

   «ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىدا ئىئانە تالونى ئىشلىتىش-باشقۇرۇش چارىسى» 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. چارىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىدا ئىئانە ئېلېكتىرونلۇق تالونى ئىشلىتىشىنى پائال كېڭەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق تالون كېسىش، ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش، ھېسابتىن ئۆچۈرۈش، پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، مەنبەدىن كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

   دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملىنىشنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە دوكلات قىلىش ئۈنۈملۈك تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

  سەھىيە كەسپى ئۆلچىمى WS/T 312-2023 «دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملىنىشنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ئۆلچىمى» 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۆلچەمدە دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملىنىشنى كۆزىتىش-ئۆلچەش بويىچە باشقۇرۇش ۋە تەلىپى، كۆزىتىش-ئۆلچەش ئۇسۇلى ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملىنىشنى كۆزىتىش-ئۆلچەش سۈپىتىنى كونترول قىلىش بەلگىلەندى. باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرى، مەسىلەن: ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىلىرى، قان تازىلاش مەركىزى، مەخسۇس كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش دوختۇرخانىلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى، پەرۋىش دوختۇرخانىلىرى شۇ بويىچە ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

   دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى نازارەت قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

   2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنداق بەلگىلەندى: ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشتا تەدبىقلىنىدىغان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىلىدىغان دېلولاردا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئاپپارات ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى يۈزتۇرا ياكى ئالاقە تورى، تېلېفون قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئاڭلىشى ھەمدە ئاڭلىغان پىكرىنى خاتىرىلەپ ئەنگە ئېلىشى كېرەك.

   تويلۇق ماجىراسىغا چېتىشلىق دېلولارنى قاراپ چىقىش، ھۆكۈم چىقىرىش قائىدىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ

   ئىككى تارماق پۇل مۇئامىلە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ

   ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىدا ئىئانە تالونى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

   ...

   2-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر

   قانۇن، پۇل مۇئامىلە، داۋالاش، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ

   گۈزەل تۇرمۇشنى يەنىمۇ قوغدايدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.