تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەشۋىقات ئېلانى | ئېنىق چۈشەنچە − ئەزا ۋۇ ۋېيدۇڭ

   يېزا-كەنتلەرگە رەقەملەشكەن «قانات» ئورنىتىپ، رەقەملىك تېخنىكىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدا، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى «رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى سۇنۇپ، يېزىلارنىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.
   بۇ تەكلىپنى چۈشىنىشلىك، سالمىقى بار قىلىش ئۈچۈن، تەكلىپ لايىھەسىنى تەييارلاشقا قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋۇ ۋېيدۇڭ شىنجاڭنىڭ رەقەملىك يېزا-كەنت تەرەققىياتى تەتقىقاتىغا دائىر نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىقتى ھەم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 5G ئاساسىي پونكىت قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، تور بىلەن قاپلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.