تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1 - يىغىن ئۆتكۈزدى

​يىغىن كۈنتەرتىپى بېكىتىلدى، بۇ قېتىمقى يىغىن 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى تۆت كۈن

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى تەييارلىق يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 1 - يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 54 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 49 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئالدى بىلەن ما شىڭرۇي، زۇمرەت ئوبۇل، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، جاۋ تيەنجيې، مۇتەللىپ روزى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلاندى.

ئارقىدىن، يىغىندا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى زۇمرەت ئوبۇلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، يىغىننىڭ 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلىدىغانلىقى، يىغىن ۋاقتىنىڭ تۆت كۈن بولىدىغانلىقى بېكىتىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى سايلاپ چىقىلدى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتىنى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.