يىغىننىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، يىغىننىڭ قارالمىسى ماقۇللاندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 548كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 515كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر يىغىنغا قاتناشتى.