تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2024-يىللىق شىنجاڭ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى تاشيول سەپىرى مۇلازىمەت كۆرسەتمىسى

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش تاشيول تورى يۈرۈشۈش ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىش

   | پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قاتناش ئېقىم مىقدارىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى

   2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى ئېشىپ، تاشيولدا يولۇچى ۋە يۈك ئېقىمى مەركەزلىشىپ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى كۆپىيىپ، ئادەتتىن تاشقىرى زور ئېقىم مىقدارى شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باھار بايرىمىلىق سەككىز كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلاش، ساياھەتكە چىقىش، ئوقۇغۇچىلار ئېقىمى، ئىشلىگۈچىلەر ئېقىمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ئۇزۇن مۇساپىدە ئۆلكە ھالقىپ، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ سەپەرگە چىقىش ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ 40 كۈنىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تاشيول تورى داۋاملىق يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. باھار بايرىمىدا توققۇز كۈن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يۈرۈش ھەققى ئالماسلىق ئامىلى قوشۇلۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئېشىپ، سەپەرگە چىقىش ۋاقتى بىرقەدەر مەركەزلىشىدۇ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە يول قاتناش بېسىمىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ.

    يىللاردىن بۇيانقى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى تاشيول تورىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىشقا بىرلەشتۈرگەندە، دەسلەپكى قەدەمدە مۇنداق مۆلچەرلەندى: 2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش تاشيول تورىنىڭ يۈرۈشۈشىدە «ئالدىنقى مەزگىلدە ئاۋۋال يۇقىرى، كېيىن تۆۋەن بولۇش، ئوتتۇرا مەزگىلدە مەركەزلىك ئۆرلەش، كېيىنكى مەزگىلدە مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىش»تەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلىدۇ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ 40 كۈنىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيوللىرىنىڭ قاتناش ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 97 مىليون 200 مىڭ بولۇپ، كۈندىلىك قاتناش مىقدارى تەخمىنەن 2 مىليون 450 مىڭغا يېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى كۈندىلىك ئېقىم مىقدارى 3 مىليون 500 مىڭغا يېتىپ، 2023 - يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %75 ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ يۈرۈش ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 45 مىليون 200 مىڭ بولۇپ، 2023-يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %42 ئاشىدۇ؛ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يۈرۈش ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 50 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، 2023-يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %80 ئاشىدۇ. قاتناش ئومۇمىي مىقدارىدا يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئېشىپ، %46نى، يۈك ئاپتوموبىلى %52نى، باشقا ئاپتوموبىللار %2نى ئىگىلەيدۇ.

  باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتىكى يولۇچى توشۇش مىقدارىنى مۆلچەرلەش

   مۆلچەرلىنىشىچە، 2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ 40 كۈنلۈك تىجارەت خاراكتېرلىك يول يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 10 مىليون 36 مىڭ ئادەم قېتىمغا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 250 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2023 - يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %31 ئاشىدىكەن.

  باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتىكى تاشيول سەپىرى يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى مۆلچەرلەش

   2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، مۆلچەرلىنىشىچە، باھار بايرىمىدىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتىش كىچىك يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدىكەن، دەم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى پۈتكۈل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ئېقىم مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، باھار بايرىمىدىن كېيىن يەنە قايتىش كىچىك يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدىكەن.

   1. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى (1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە)

   باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىش ئاساس قىلىنىدىغان قاتناش كۈندىن - كۈنگە كۆپەيدى، قاتناش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا كۈندىلىك سەۋىيەدىن سەل يۇقىرى بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە مەركەزلىك سەپەرگە چىقىش كىچىك يۇقىرى پەللىسىگە يېتىدىكەن، ھەر كۈنى سائەت 11دىن سائەت 13كىچە، سائەت19دىن سائەت 21گىچە قاتناش بېسىمى ئېغىر بولىدىكەن. 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن كېيىن، يول تورىنىڭ ئومۇمىي يۈرۈشۈش بېسىمى تەدرىجى تۆۋەنلەيدىكەن.

   2. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى (2 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگىچە)

   ھارپا كۈنى قاتناش مىقدارى ۋە قىستاڭچىلىق دەرىجىسى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى تۆۋەن قىممەتكە چۈشىدۇ، 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن كېيىن، سەپەرگە چىقىش قاتناش مىقدارى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى (باھار بايرىمىنىڭ 8 - كۈنى) سەپەرگە چىقىش قاتناش مىقدارى مەركەزلىك قايتىش ئامىلىنىڭ تەسىرىدە پۈتكۈل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن.

   3. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى (2 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە)

   يۈك تىرانسپورت مىقدارى تەدرىجىي قايتا ئېشىپ، بۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلار ئېقىمى، ئىشلىگۈچىلەر ئېقىمى قوشۇلۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگىچە باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قايتىش يۇقىرى پەللىسى شەكىللىنىپ، ھەر كۈنى سائەت 11دىن 13كىچە، سائەت 19دىن 21گىچە قاتناش بېسىمى ئېغىرلىشىدىكەن.

   3 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن كېيىن ئومۇمىي قاتناش مىقدارى مۇقىملىشىپ، كۈندىلىك يول تورى قاتناش مىقدارى سەۋىيەسىگە تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ.

   قاتناش ئېقىم مىقدارىنىڭ تارقىلىشى

   باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي قاتناش ئېقىم مىقدارى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، غۇلجا شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قپمۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى.

  ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان يول بۆلىكى، ھەق ئېلىش پونكىتى ۋە مۇلازىمەت رايونىغا قارىتا ئالدىن مۆلچەرلەش

   مۆلچەرلىنىشىچە، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى قىسمەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى، مۇلازىمەت رايونى ۋە ئۆلكە ھالقىغان يول، ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيوللىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان يول بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىللارنىڭ قىسقا ۋاقىت توسۇلۇپ قېلىشى ياكى ئاستا مېڭىش ھالىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

   ئاپتوموبىل ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ بولىدىغان يول بۆلەكلىرى: G30 لىنىيەسىنىڭ شىڭشىڭشيا بۆلىكى، G30 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسىنىڭ بەيشەنچۈەن بۆلىكى، G7 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن مورىغىچە بولغان بۆلىكى، G3012 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن مورىغىچە بولغان، ئۈرۈمچىدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، S226 لىنىيەسىنىڭ كۆكتوقايدىن كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تاغلىق رايون بۆلىكى.

   ئاپتوموبىل ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ بولىدىغان مۇلازىمەت رايونلىرى: قەشقەر مۇلازىمەت رايونى، شىخەنزە مۇلازىمەت رايونى، سەنپىڭ مۇلازىمەت رايونى، يەنخۇ مۇلازىمەت رايونى، قومۇل مۇلازىمەت رايونى.

   ئاپتوموبىل ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ بولغان ھەق ئېلىش پونكىتلىرى: ئۇلانباي بېيجاداۋ يولى، G30 لىنىيەسىدىكى يىۋەنچۈەن ئاساسىي لىنىيەسى، G3012 لىنىيەسىدىكى كورلا ئاساسىي لىنىيەسى، G7 لىنىيەسىدىكى مىچۈەن شەرقىي شىمال ئاساسىي لىنىيەسى، داخۇاڭشەن ھەق ئېلىش پونكىتى، G312 لىنىيەسىدىكى يۈشۇگۇ ھەق ئېلىش پونكىتى، چەرچى ئاساسىي لىنىيەسى قاتارلىق ھەق ئېلىش پونكىتلىرى.

قىش پەسلى خاراكتېرلىك قوش يۆنىلىشلىك يېپىق يول بۆلىكى ۋە ئالاقىدار ئايلىنىپ مېڭىش لايىھەسى

توكلىغۇچ كەسىپ مۇلازىمىتى

   نۆۋەتتە، شىنجاڭدا دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيوللىرىدىكى 141 مۇلازىمەت رايونىغا توكلىغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1-دەرىجىلىك) تاشيول مۇلازىمەت رايونىدا توكلىغۇچ تولۇق قاپلىنىپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە پۈتۈن كۈن نورمال مۇلازىمەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سەپەرگە چىقىش پىلانى بارلار «شىنجاڭ يول تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتىدىكى توكلىغۇچ سەھىپىسى ئارقىلىق شىنجاڭ تاشيول مۇلازىمەت رايونىدىكى توكلىغۇچلارنىڭ ئورنى، ئەمەلىي ۋاقىت ھالىتى، توك قاچىلاش ئەندىزىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرسە، شۇنداقلا «e يولنى راۋانلاشتۇرۇش»نى چېكىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى توكلىغۇچلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

سەپەرگە چىقىش ئەسكەرتمىسى

   1. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدۇ، سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن لىنىيەنىڭ ئەمەلىي يول ئەھۋالى، ھاۋا رايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، سەپەرگە چىقىش لىنىيەسى ۋە ۋاقتىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلى ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى بولغان يول بۆلەكلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك.

   2. مۇلازىمەت رايونى قاتارلىق ئادەم توپلاشقان جايلاردا توختاپ دەم ئالغاندا، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، ساغلام سەپەر قىلىش لازىم.

   3. ئۇزۇن مۇساپىدە ئۆلكە ھالقىپ سەپەر قىلغاندا، تولۇق تەييارلىق بىلەن چىقىش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك.  قاتناش قىستاڭچىلىقىغا يولۇققاندا، ئالدىرايدىغان، تىت - تىت بولىدىغان كەيپىياتنى يېڭىش، نەق مەيداندىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش لازىم، تولا يول ئۆزگەرتىش ۋە جىددىي ئەھۋال يولىنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن ساقلىنىش، خۇشال سەپەر قىلىش كېرەك.

   4. تۇمان كۆرۈلۈش، قار يېغىش قاتارلىق ناچار ھاۋا رايىغا يولۇققاندا، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن، قار يىغىلىپ مۇز تۇتقان يول بۆلەكلىرىدە يول يۈرگەندە، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش كېرەك، ھەرگىزمۇ يۆنىلىشنى جىددىي ئۆگەرتىشكە، ئاپتوموبىلنى جىددىي تورمۇزلاشقا بولمايدۇ، خەتەر يۈزبېرىشتىن ساقلىنىپ، بىخەتەر يول يۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.