تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى | باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە باھار بايرىمىلىق كەيپىيات بارغانسېرى قويۇقلاشتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

  مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ بىرى دەل شىنجاڭ قەشقەرگە خاس شەكىلدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىشتۇر. كېچىلىكنىڭ تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە باھار بايرىمىلىق كەيپىيات بارغانسېرى قويۇقلاشتى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىن بىر كۆرۈنۈش.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

  1-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىر خام بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كىردى، ئېگىزگە ئېسىلغان ئوتقاشتەك پانۇسلار، ئۆي-ئۆيلەرگە چاپلانغان دۈيليەنلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قەلبنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئىللىق يېڭى يىلغا بولغان تەلپۈنۈشنى قوزغايتتى.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى خام بازىرىدىكى مەززىلىك تائاملار.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

   شورپا يۈزىدە قىزىلگۈل بەرگى لەيلەپ تۇرغان، چىلان، ئالقاتلار بىلەن قاينىتىلغان باچكا شورپىسىدىن ئىسسىق ھور ئۆرلەپ تۇراتتى. بىر ئاشخانىنىڭ خىزمەتچىسى ئارزۇگۈل روزىنىڭ باچكا شورپىسىنى پات-پات چۆمۈچتە سورۇشى بىلەن شورپىنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تارىدى. «ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى تەسىس قىلىندى، بەزى ساياھەتچىلەر بىزگە قازاننى ئەجدىھا شەكلىدە تىزىش تەكلىپىنى بەردى. بۈگۈن بىز قىزىگۈل بىلەن ئەجدىھانىڭ شەكلىنى چىقىرىپ سىناپ باقماقچى بولدۇق. تەمى يېڭى، كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولىدۇ، چوقۇم تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى جەلپ قىلالايمىز» دېدى ئارزۇگۈل.

غوپۇر يازغان دۈيليەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

  بۇ يىل باھار بايرىمىدا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى «ئوتقاش رەڭ»نى ئاساس قىلىدۇ. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخلەرگە قىزىل، سېرىق رەڭلىك كىچىك پانۇسلار ئېسىلدى، نۇرغۇن تىجارەتچى يايما ئورنى ئالدىغا ھەر خىل قىزىل رەڭلىك زىننەت بۇيۇملىرىنى ئاستى. ھەر بىر كوچا ئېغىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان قىزىل پانۇسلار ساياھەتچىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان داكا قىلىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

  «بىر يۈرۈش شىنجاڭ ئۇسسۇل كىيىمىنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆزۈم بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تارتىپ، بۇ سەپىرىمدە ئەسلىمە قالدۇرماقچىمەن.» شاڭخەيلىك ساياھەتچى ۋاڭ چيەن مۇنداق دېدى: «باش ئىستانسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانى تەسىس قىلىش ئويى ھەقىقەتەن قالتىس بوپتۇ! بۇ يەردىكى ئىمارەتلەر ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، ھەم مىللەتلەر ئامىلىغا، ھەم مودا ئۇسلۇبقا ئىگە ئىكەن، كونا چايخانىنىڭ يېنىدا قەھۋەخانا بار ئىكەن، ئائىلىۋى مېھمانخانا يېنىدا قەدىمىي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيى بار ئىكەن، قىزىل پانۇس بىلەن ئەتلەس زىننەت بۇيۇملىرى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان، قەشقەردىكى ئويۇن چوقۇم باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى ئەڭ گۈزەل نومۇرلارنىڭ بىرى بولىدۇ».

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى خام بازىرىدىكى قېتىق زۇڭزا يايما ئورنىدا، ئەتىگەندىلا 100دىن ئارتۇق زۇڭزا سېتىلىپ بولدى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

  «تۆگىقۇش تۇخۇمىغا زاراڭزا، ھەسەل قاتارلىق خۇرۇچلار سېلىنغان، قاقلانغان تۇخۇم بەش مىنۇتتا بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇلىدۇ...» خۇنەنلىك ساياھەتچى ۋۇ لىنجيې قاقلانغان تۇخۇم يايما ئورنى ئالدىدا مەززىلىك تائاملارنى تونۇشتۇرۇپ بىۋاسىتە كۆرسەتتى. قاقلانغان تۇخۇم پىشقاندىن كېيىن، ئۇ يېنىدا تۇرغان شۇ جايدىكى ساياھەتچىلەرنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. «مەن قەدىمىي شەھەردىن بىر ئېغىز ئۆي ئىجارىگە ئالدىم، بۇ يىل باھار بايرىمىدا مۇشۇ يەردە بولىمەن. يېڭى قوشنام مېنى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى بىللە كۆرۈش، باھار بايرىمى ھارپا كېچىسىنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.» ۋۇ لىنجيې مۇنداق دېدى: قەشقەرنىڭ خەلق ئۆرپ-ئادىتى ۋە تۈرلۈك مەززىلىك تائاملىرى مېنى ئىزچىل جەلپ قىلىپ كەلدى، بۇ يىل ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەن بۇ يەردە يېرىم يىلدەك تۇرۇپ، كامېرا ئارقىلىق قەشقەرنىڭ مەنزىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك خاتىرىلەشنى قارار قىلدىم.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، قەدىمىي شەھەر ئىچىدىكى يىيۈ شىكۇڭ سەنئەت ھېس قىلىش سارىيىدا، خىزمەتچى ئېزىزجان ئەمەت دوستلىرى بىلەن كارتون ئەجدىھا شەكىللىك لېگاۋ قۇراشتۇرماقتا.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

  يىيۈ شىكۇڭ سەنئەت ھېس قىلىش سارىيىدا، خىزمەتچى ئېزىزجان ئەمەت دوستلىرى بىلەن كارتون ئەجدىھا شەكىللىك لېگاۋ قۇراشتۇرۇۋاتاتتى. «ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، بىز ئوخشاش بولمىغان قۇت بەلگىسى تەييارلاپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىمىز.» ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل باھار بايرىمىدا قەشقەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر چوقۇم ناھايىتى كۆپ بولىدىكەن، «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئېلانلىرىنىڭ تەسىرى ئادەتتىكىچە ئەمەس، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئادەم قەشقەرنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرەلەيدۇ.» بۇ دۇكانغا ئوخشاش، قەدىمىي شەھەردىكى نۇرغۇن دۇكان «دىققەتنى تارتىدىغان» بۇيۇم ۋە نۇقتىلار ئۈستىدە تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. «بەزى دۇكانلارغا ئەجدىھانىڭ رەسىمى ئېسىلدى، بەزى دۇكانلارغا ئەجدىھا قەغەز قىيمىسى چاپلاندى، دۇكىنىمىز ئۆزگىچە بىر گۇرۇپپا ئەجدىھا يىلى لېگاۋسى تەييارلىماقچى» دېدى ئېزىزجان.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، ساياھەتچىلەر باھار بايرىمىلىق سوۋغاتلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، ساياھەتچىلەر باھار بايرىمىلىق سوۋغاتلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

  «كەلگىلى ئىككى كۈن بولدى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرگە شارپا، مىس بۇيۇم، دورىلىق چاي، ماتاڭ قاتارلىق باھار بايرىمىلىق سوۋغاتلارنى سېتىۋالدىم، تولۇق ئېلىپ بولالمىغاندەكلا ھېس قىلىۋاتىمەن، شۇڭا بۈگۈن يەنە قەدىمىي شەھەرنى ئايلىناي دەپ كەلدىم، يەنە ئاز-تولا ئەتىۋارلىق نەرسىلەر ئۇچراپ قالامدىكىن دېگەن ئۈمىدتىمەن.» گەنسۇلۇق ساياھەتچى فەن يىنپىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر خىل قۇرۇق مېۋىلىرى، قۇرت قاتارلىقلارنى سېتىۋالغاندىن باشقا، يەنە بىر يۈرۈش زىبۇ زىننەت سېتىۋالدى، «لايىھەلىنىشى مىللەتلەر خاسلىقىغا ئىگە ئىكەن، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئاچا-سىڭىللار جەم بولغاندا، مەن چوقۇم قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىمەن».

قەدىمىي شەھەر ئاھالىسى ئىمام مەمەتنىڭ ئانار شەربىتى ساياھەتچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرۈپ داكا قىلىدىغان مەززىلىك يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

  كىچىك مەشكە ئوت قالاپ، ئانار پوستىنى ئاقلاپ ئولتۇرغان قەدىمىي شەھەر ئاھالىسى ئىمام مەمەت پات-پات ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىككى كۈندىن بۇيان، ئۇ ھەر كۈنى 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئاناردىن سىقىلغان شەربەت ساتتى، نۇرغۇن ساياھەتچى يەنە شياۋخۇڭشۇدا ئۇنىڭ يايما ئورنىنى تەۋسىيە قىلدى، «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى كۆرۈپ بولۇپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزسەك، ۋاقتى كەلگەندە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر چوقۇم كۆپ بولىدۇ، مەن نۇرغۇن ئانار زاكاز قىلىپ قويدۇم. مەن ئانار بۇلۇت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ كۆپچىلىكتىن ئۇنتۇلغۇسىز يايما ئورنى نامى توپلىسام بولامدۇ؟ تاللاپ ئىشلەتسەم مەن چوقۇم بىر ئىستاكان ئانار شەربىتى سوۋغا قىلىمەن».

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.