تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2023-يىلى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

    تىيانشان تورى تېز خەۋىرى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. 
    دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2023-يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.8 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6.4 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %15.3 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %12.4 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %18.8 ئاشتى، ئىمپورت-ئېكىسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى %45.9 ئاشتى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم-ئايرىم ھالدا %5.6 ۋە %8.4 ئاشتى، شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.4 بولدى. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىساد كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى.

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، جاڭ لېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.