تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

توغرا چۈشەنچە | ئەزا سۈن شيا: شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشى مۇكەممەللەشتۈرۈلسە

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن فوتوسى

    «ھازىر، شىنجاڭنىڭ شامال، يورۇقلۇقنى ئاساس قىلغان يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، لېكىن يېڭى ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشى جەھەتتە يەنە بەلگىلىك يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، تۆت جەھەتتىن كۈچەپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن.» شىنجاڭ ئىككى يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۈن شيا شۇنداق تەكلىپ بەردى.

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۈن شيا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر فوتوسى

    شىنجاڭ دۆلەت پىلانلاپ قۇرغان چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل تېزلىتىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى، چوڭ-چوڭ سۇ ئېلېكتىر تۈرلىرى ۋە سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2023-يىلى، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك تورلاشتۇرۇلغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 22 مىليون 510 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئۆتكەن سەككىز يىلدا تورلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي يىغىندىدىن ئېشىپ كەتتى.

    «يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىشتا مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت، ئۆلكە، رايون ھالقىغان يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى سۈن شيا.

    سۈن شيا ماسلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تەڭشەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل توك سودىسى شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى ئېنېرگىيە سودا توك مىقدارىنىڭ ئومۇمىي سودا توك مىقدارىدىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا بازىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    بۇنىڭ ئىچىدە، يېشىل توك سودىسى شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، تەقسىملەنمە توك چىقىرىشنىڭ يېشىل توك سودىسى مېخانىزمىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېشىل توك، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يېشىل كىنىشكىسى سودىسى سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە ئادىل رىقابىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى ئارقىلىق، زور مىقداردىكى يېشىل توكنىڭ بازارغا كىرگەندىن كېيىن پەيدا قىلغان تەسىرىنى تەھلىل قىلىش كېرەك، بۇ، يېشىل توكنى سېتىۋېلىش مۇددىئاسى بار كارخانىلار، يېشىل توك، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يېشىل كىنىشكىسىنىڭ بازار باھاسىدىكى داۋالغۇشى، خەلقئارا ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېشىل توك، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يېشىل كىنىشكىنى ماسلاشتۇرۇش بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. رايون-بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يېشىل توك سودىسىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشىنى باشقۇرۇپ، تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى بىلەن كاربون بازىرىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تىرەك بولۇپ، «يېشىل توك ئىشلىتىش ئىسپاتى»نىڭ دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە، جەريان سانلىق مەلۇماتىغا ئىشىنىشكە، قۇرۇلما سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشكارا سۇپا، ئاددىي مەشغۇلات، مۇكەممەل كاپالەت ئارقىلىق، توك ئىشلەتكۈچىلەرنى يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

    ​«شىنجاڭنىڭ يېشىل توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى نەق مال بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، رايون ھالقىپ نۇقتىدىن نۇقتىغا سودا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە سودا توك مىقدارىنىڭ ئومۇمىي سودا توك مىقدارىدىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دېدى سۈن شيا.

    ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا بازىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، سۈن شيا يېشىل ئېلېكتىر بازىرىغا قاتنىشىدىغان سۇبيېكتلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.


«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.