1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 357 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ %16.5، ئەمەلىي پايدىلىنىلغان تاشقى مەبلەغ %48.3 ئاشتى.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى