تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پانۇس سەيلىسى قىلىش، چۇنليەن يېزىش، پانۇس ئېسىش، كەنت ئۇسسۇلى كۆرۈش... باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىش

   يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى «باھار بايرىمىنى قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەرقايسى يېزا-بازار، مەھەللىلەر باشقىچە ئاۋاتلىشىپ، ھەممە جاي قويۇق باھار بايرىمىلىق كەيپىياتقا چۆمۈلدى.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، كۇچا شەھىرى رەستە كوچا باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى لىن جىلۇ مەھەللىسىدە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە «福» خېتى چاپلىدى.

ۋۇ لې فوتوسى

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئاقئۆستەڭ يېزىسىنىڭ دۇمباق ئەترىتى ئاممىغا ھەيۋەتلىك دۇمباق چېلىش ماھارىتى ئورۇنلاپ بەردى.

ۋۇ لې فوتوسى

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئاقۆستەڭ يېزىسى توپا ئېرىق كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، كاتتا باھار بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

ۋۇ لې فوتوسى

 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئوچا بازىرى يۇڭكۇ جېنشىڭ كەنتىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى «ئەجدىھا» باش تېما قىلىنغان قاپاق رەسىمى سىزماقتا.

ۋۇ لې فوتوسى

   كۇچا شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كەنت ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلانغاندىن بۇيان، كەنت دەرىجىلىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، يېزا دەرىجىلىك PK مۇسابىقىسى، شەھەر دەرىجىلىك تەييارلىق مۇسابىقىسى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان 10 مىڭدىن ئارتۇق ماھىرنى بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ مۇسابىقىلىشىشكە جەلپ قىلدى. يېرىم ئايلىق مۇسابىقە ئارقىلىق 15 ۋەكىللەر كوماندىسى 200دىن ئارتۇق ۋەكىللەر كوماندىسى ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، يەككە كىشىلىك ئۇسسۇل، قوش كىشىلىك ئۇسسۇل ۋە كوللېكتىپ ئۇسسۇل تۈرىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوماندىلار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوماندىلار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، تاماشىبىنلار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا يان تېلېفونىدا سۈرەتكە تارتماقتا.

يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

    ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، سانجى شەھىرى كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان ئەجدىھا يىلىدىكى گۈللۈك پانۇسلار باغچە، كوچىلاردا نامايان قىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا، سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. سانجى شەھىرىنىڭ بۇ يىلقى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش گۈللۈك پانۇسلىرىنىڭ باش تېمىسى «ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىرلىكتە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ۋاقىتنى كېسىپ ئۆتۈپ، يېڭى ئېقىمدىكى دۆلەت ئۇسلۇبىنى يارىتىش» بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەھەر رايونىدىكى بىنخۇ دەرياسى مەركىزىي باغچىسى، تۇلپار ئايلانمىسى، مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق 16 نۇقتا ۋە تىڭجوۋ ئېكولوگىيەلىك يېشىل جىلغا باغچىسىدىكى سەككىز نۇقتىغا ئوخشىمىغان شەكىلدىكى گۈللۈك پانۇسلار تىزىلىپ، باھار بايرىمىنى خۇشال-خورام كۈتۈۋېلىشتەك قويۇق بايرام كەيپىياتى يارىتىلدى.

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى سانجى شەھىرىنىڭ چۆچەك يولىدىكى بەلباغسىمان باغچىدا باش تېمىلىق گۈللۈك پانۇسلارنى تاماشا قىلماقتا.

ليۇ خۇا فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى سانجى شەھىرىنىڭ چۆچەك يولى بەلباغسىمان باغچە كارىدورىدىكى «گۈللەپ روناق تېپىش» باش تېمىسىدىكى گۈللۈك پانۇس ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ليۇ خۇا فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، سانجى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئايلانما ئورنىدىكى گۈللۈك پانۇس مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ليۇ خۇا فوتوسى

    1-ئاينىڭ 24-كۈنى، لوپ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرىنى تەشكىللەپ، «بارچە بەخت بىلەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» چۇنليەن سوۋغا قىلىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى نەق مەيداندا ئاممىغا چۇنليەن يېزىپ بەردى، پائالىيەت 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى لوپ ناھىيەلىك كۇتۇپخانىدا شەھەر ئاھالىلىرىگە چۇنليەن يېزىپ بەرمەكتە.

مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى لوپ ناھىيەلىك كۇتۇپخانىدا شەھەر ئاھالىلىرىگە چۇنليەن يېزىپ بەرمەكتە.

مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى لوپ ناھىيەلىك كۇتۇپخانىدا شەھەر ئاھالىلىرىگە چۇنليەن يېزىپ بەرمەكتە.

مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

   1-ئاينىڭ 27-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى ۋە چۇرگۇل بازىرىنىڭ 2-نۆۋەتلىك قىشلىق دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چۇرگۇل بازىرىنىڭ جىڭخۇا مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئارتىسلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئات ئۈستىدە «قاراجورغا» ئوينىماقتا.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، چەۋەندازلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئات ئۈستىدە نەرسە تېرىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، شۇ جايدىكى ئامما ئېچىلىش مۇراسىمىدا مىللەتلەر ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

    1-ئاينىڭ 28-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى شىنتارې يېزىسى شىنتارې كەنتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما كەنتكە پانۇس ئاسماقتا. پانۇسلار كەنتتىكى ھەرقايسى يوللارغا ئېسىلىپ، خۇشال، ئىناق باھار بايرىمى كەيپىياتى يارىتىلدى.

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى شىنتارې يېزىسى شىنتارې كەنتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما كەنتكە پانۇس ئاسماقتا.

شاۋ شىلەي فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.