تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2023-يىلى شىنجاڭ مالىيە چىقىمىنىڭ %77.4ى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى

     تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

    تىيانشان تورى تېز خەۋىرى. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2023-يىلى، شىنجاڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى، مالىيە چىقىمىنىڭ %77.4ىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلەتتى، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئون تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشنى قەرەلىدە تاماملىدى.

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، جاڭ لېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.