تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشىكىمىز ئالدىدىكى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قالتىس ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

«باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئىشىكىمىز ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى، بەك خۇشال بولدۇم. ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىمنىڭ ساغلام، خۇشال - خۇرام بولۇشىنى، بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا، يۇرتۇم قەشقەرنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشمەن!» قەشقەر شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان قەشقەر سودا پىيادىلەر كوچىسى ئالدىدا، ئەمدىلا بالىسىغا ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك ئېلىپ بېرىپ ئۆيىگە قايتماقچى بولغان مەڭگىنۇر مەمەت كوچا زىيارىتى قىلىۋاتقان ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ كامېراسىغا قاراپ، كۈلۈپ تۇرۇپ يېڭى يىللىق تىلىكىنى ئېيتتى.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى «ھارپا كېچىسى تامىقى» بولۇپ كەلدى، ھالبۇكى بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى كىشىنى تېخىمۇ تەقەززا قىلدى − باش ئىستانسىنىڭ 2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەردە شۆبە مەيدان تەسىس قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قالتىس نامايان بولۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مۇخبىر قەشقەر كوچىلىرىدا ئىختىيارىي زىيارەت قىلدى، بىز بىرلىكتە بۇ ئەڭ قىزغىن تەقەززالىق ۋە ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى ئاڭلاپ باقايلى.

تەقەززالىق بىلەن كۈتۈش:

يۇرتىمىزنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىنى ھەممىدىن بەك كۆرۈپ قانمايمىز

ھەر يىلقى قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، قىزغىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش ئىستانسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى نومۇرلارنىڭ تۈرى مول، كۆپ مەنبەلىك بولۇپ، مۇزىكا، ئۇسسۇل، شياڭشېڭ، ئېتۇت... قاتارلىقلار ئارقىلىق ھەم جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنى تولۇق ئىزاھلاپ بەردى، ھەم دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئاممىنىڭ ھازىرقى مەنىۋى ئىنتىلىشىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

«بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە قانداق نومۇرلارنى كۆرۈشنى ئەڭ خالايسىز؟» «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسىدە قايسى شىنجاڭ ئامىللىرىنىڭ نامايان قىلىنىشىنى ئەڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتىسىز؟» قەشقەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بەرگەن جاۋابى مول، رەڭدار بولدى.

مەڭگىنۇر مۇنداق دېدى: ھەر يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە، مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان نومۇر ئارىلاشما ئۇسسۇل، بۇ قېتىمقى ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانى قەشقەردە تەسىس قىلىندى، مەن باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسىدە ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئورۇنلانغانلىقىنى كۆرۈشنى ئەڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن، «بۇ جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى گۆھەر، ئۇنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆرۈرمەنلەرگە ھەمبەھرىلەشنى ئويلايمەن».

«تەبىئىي ھالدا شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈپ قانمايمىز!» چۇڭچىڭدىن كەلگەن ۋاڭ خۇەننىڭ قەشقەردە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا بەش يىل بولدى، ئۇ بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى دەپ بىلىدۇ. «شىنجاڭدا ھەممىلا جايدا كىشىلەر ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرگىلى بولىدۇ، مۇزىكا ياڭرىسىلا، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي جور بولىدۇ. باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسىدە شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى كۆپرەك نامايان قىلىنسا ياخشى بولاتتى، ئۇ كۆرۈنۈشنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا بەك خۇشال بولىمەن» دېدى ۋاڭ خۇەن.

قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى رابىيە ئابدۇلنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى خام بازىرىنى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسىگە «كۆچۈرۈپ» چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلار بىلەن بىرلىكتە «بۇلۇت»تا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكۈسى بار، «قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم، كاۋاپ، تونۇر كاۋىپى... پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆرۈرمەنلەرگە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىتىپ، كۆپچىلىكنى قەشقەرگە كېلىپ سەيلە - ساياھەت قىلىشقا <قىزىقتۇرىمىز>».

تىلەك:

تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قەشقەرنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز

دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم، ھەممە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن، ئائىلىمىزدىكىلەر ساغلام، يۇرتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولسۇن... ئاددىي ھەم سەمىمىي باھار بايرىمىلىق تىلەك ھەر ۋاقىت كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدۇ.

«مېنىڭ باھار بايرىمىلىق تىلىكىم ناھايىتى ئاددىي، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تىنچ - ئامان، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى شىڭ جېنجېن مۇنداق دېدى: «بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئامىللىرىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا بىزنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ ئىللىقلىقى، ئۈمىدى ۋە كۈچىنى ئېلىپ، يېپيېڭى ئەجدىھا يىلىغا قەدەم قويۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن».

«شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يىلدىن - يىلغا روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى ۋۇ شياۋجيا مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، قەشقەر ئايرودۇرۇمى كېڭەيتىپ قۇرۇلدى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كۆپەيدى، شەھەر گۈزەللەشتى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە قەشقەر خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. «يۇرتىمىز ياخشى بولسا، تۇرمۇشىمىز ئاندىن تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ، شۇڭا مەن باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى يۇرتۇمنى تونۇش، قەشقەرنىڭ گۈزەللىكىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ۋۇ شياۋجيا.

بەخت تىلەش:

ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز

يېڭى يىلدىكى يېڭى تەلپۈنۈش، باھار بايرىمىدىكى يېڭى بەخت تىلەش. قەشقەر شەھىرى ئاھالىلىرى ئەڭ سەمىمىي قەلب، ئەڭ ئاددىي تىل بىلەن باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئەڭ سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىن كەلگەن ئەڭ قىزغىن باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىكىنى يەتكۈزدى.

قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى چېن شياۋشىڭ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قوغۇندەك تاتلىق بولۇشىغا، مۇھەببىتىنىڭ خوتەن قىزىلگۈلىدەك پورەكلەپ ئېچىلىشىغا، ئىشلىرىنىڭ ئالتاينىڭ قار - مۇز ساياھىتىدەك بارغانسېرى روناق تېپىشىغا، ئوڭۇشلۇق، كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا، ئەجدىھا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن».

«بىز ھارپا كېچىسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە خوشاللىق ۋە تەسىرلىنىشتىن بەھرىمەن بولۇشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قالتىس ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭخۇانىڭ مول، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ئاساسىنى ھېس قىلىشنى ئورتاق ھالدا تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىدەك شانلىق پەيتكە ئورتاق گۇۋاھ بولىمىز» دېدى قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى شۈ لىڭلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.