شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ 1 - مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنغا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالى، مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى تونۇشتۇرۇلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، يىغىن مۇددىتى تۆت كۈن بولىدىكەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، يىغىن مۇددىتى ئۈچ يېرىم كۈن بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مەريەم ئىسمايىل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شۈ ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۆلىتىمىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى، يىغىننىڭ تەييارلىق ئەھۋالى، تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى مۇنداق: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەستىقلاش، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)» نى قاراپ چىقىش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش، سايلام ئىشلىرى قاتارلىقلار.
«نۆۋەتتە، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملاندى.» مەريەم ئىسمايىل مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا ھازىر مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەت - ئوبلاست - شەھەرلىك، ناھىيە - شەھەر - رايونلۇق، يېزا - بازارلىق بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن 73 مىڭ 957 كىشى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %65.4نى ئىگىلەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ھازىر 548 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %63.14نى ئىگىلەيدۇ، ئىشچى، دېھقان، كەسپىي تېخنىك خادىم %40.33نى ئىگىلەيدۇ، ئاياللار %26.46نى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا ئەمەسلەر %34.85نى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن يىلدا ئاپتونوم رايوندا 12 پارچە نىزام قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ 31 پارچە نىزامى تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى، 21 تۈرلۈك مەخسۇس دوكلات قاراپ چىقىلدى، ئون قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش تەشكىللەندى، 13 قېتىم مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش ئېلىپ بېرىلدى، يەتتە پارچە قارار چىقىرىلدى، 519 ئادەم قېتىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئىشى تاماملاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مۇنداق: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ھەم مۇزاكىرە قىلىش؛ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارىنى قاراپ چىقىش ۋە ماقۇللاش؛ كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلارنى قاراپ چىقىش.
«نۆۋەتتە يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملاندى.» جاڭ شۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە ھازىر 527 نەپەر ئەزا بار، جەمئىي 30 ساھە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئالتە دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ ۋە سەككىز خەلق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەت ئەزا 244 نەپەر بولۇپ، %46.30نى ئىگىلەيدۇ، ئايال ئەزا 136 نەپەر بولۇپ، %25.81نى ئىگىلەيدۇ. 2023 - يىلى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى جەمئىي 283 پارچە تەكلىپ بەردى، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىغا ئائىت 300 پارچىدىن ئارتۇق ئۇچۇرنى ئىنكاس قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىلەن بىرلىشىپ 30 قېتىمدىن ئارتۇق كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.
«ھازىرغىچە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى تەشۋىقات گۇرۇپپىسىغا دۆلەت ئىچىدىكى 14 تاراتقۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ئون تاراتقۇ ھەم چەت ئەلدىكى تۆت تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تىزىملاتتى. يىغىن مەزگىلىدە، تەشۋىقات گۇرۇپپىسى مۇلازىمەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتكە پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز» دېدى جاڭ شۈ.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ ئىككى يىغىن ئاچتى، تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئالاقىدار ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلىشىش ھەمراھى دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلدى.