تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ دەۋر جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇش

− ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2023 - يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى باشلىغان يىل. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگە يېتىپ بارسا، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى شۇ يەرگىچە داۋاملاشتۇرۇلدى، فۇنكسىيەلىك رولى شۇ يەرگىچە جارى قىلدۇرۇلدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ھەقىقىي تېپىپ، ياخشى نىزام چىقىرىش، كۈچلۈك نازارەت قىلىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنىڭ دەۋر جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى.

نىزام چىقىرىپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوغدىدى

نۆۋەتتە، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، يەرلىكنىڭ نىزام چىقىرىش رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلدى، جەمئىيەتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولدى، ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنى قوغدىدى.

− نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزدى. يەرلىك نىزام چىقىرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، نىزام چىقىرىش تۈرلىرىگە كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ، ئۈرۈمچى − قاراماي − سانجى بۆلەك رايونىنىڭ نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، بەش يىللىق نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، 126 نىزام چىقىرىش تۈرىنى بېكىتتى.

− نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتتى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» قاتارلىق نىزاملارنى تۈزدى، بۇ نىزاملار شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پائال قوغدىدى.

− ئاشكارا نىزام چىقاردى، دېموكراتىك نىزام چىقاردى. نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىش بازىسى قۇرۇپ، ئەڭ زور دەرىجىدە خەلق رايىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى، قوللىنىشچانلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

− نىزامنى تەستىقلاشقا يوللاش ۋە ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، نىزامنى تەستىقلاشقا يوللاش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى، پۈتۈن بىر يىلدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە جەمئىي 47 نىزامنى ئەنگە ئالدۇردى، شۇ دەرىجىلىك قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 42نى تەكشۈردى، نىزام، قائىدە، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ توختام نىزامى قاتارلىق يەتتە نىزامنى ۋاقتىدا بىكار قىلدى، توختاتتى.

نازارەتچىلىكنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە بېكىتىش، نازارەتچىلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن - نىزاملارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەمۇرىي ھوقۇق، رېۋىزىيە ھوقۇقى، سوت قىلىش ھوقۇقى، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە توغرا يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نازارەتچىلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىككە مۇلازىمەت قىلدى.

مالىيە كىرىمىنى خەلقتىن ئېلىپ، خەلققە ئىشلەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پىلان، خامچوتنى نازارەت قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتى ۋە تەڭشەش لايىھەسى قاتارلىقلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، قاراپ چىقىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدى. ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، تۈزىتىلگەن مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ھۆكۈمەت قەرزىنى نازارەت قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدى. دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

تۈمەنلىگەن ئىشلار ئىچىدە خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش جەريانىدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەققازا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى، ئوت مۇداپىئەسى قانۇنى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى قاتارلىقلارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دىققەتنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا، تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى قوغدىدى.

ئەمەلىي ئۈنۈم نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نازارەت قىلىش خىزمەت شەكلىنى ياخشىلاپ، «قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش+مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش» «خامچوت تەكشۈرۈش+تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش» «ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش+ئۈنۈمنى سىجىل سۈرۈشتۈرۈش» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش، ھاۋالە قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، نازارەتچىلىكنىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، نازارەت قىلىش داۋامىدا بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، سىجىل نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر تۈركۈم قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

ۋەكىللەر قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خەلق رايى، خەلق كۈچىنى توپلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ۋەكىللەر خىزمىتى ئارقىلىق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى توپلىدى.

2023 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 101 ۋەكىلىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، بەش قېتىم ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ «ئۈچنى تەكشۈرۈش (كۆزىتىش)» پائالىيىتىگە 120 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىشىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتتى.

ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرى ۋە تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش ۋەكىللەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ھازىر، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى تاپشۇرغان ۋەكىللەرنىڭ 16 تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ھەممىسى قاراپ چىقىلىپ تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 14ى نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى؛ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 407 تەۋسىيەنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بېجىرىشكە باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلغان 19 تەۋسىيە، دائىمىي كومىتېت بېكىتكەن نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىلىدىغان 15 تەۋسىيە بىردەك بېجىرىلىپ تاماملاندى.

بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى توغرىسىدا ۋەكىللەر كەڭ كۆلەمدە لېكسىيە سۆزلەشنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، «10 مىڭ ۋەكىل 10 مىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 270 مىڭدىن ئارتۇق مەيدان قېتىمدا 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى»غا كىرىپ، ئامما بىلەن 2 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئالاقىلىشىپ، كۈتۈۋېلىپ، ئاممىنىڭ 68 مىڭدىن ئارتۇق پىكىر - تەكلىپىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ زىددىيەت - ماجىرادىن 84 مىڭدىن ئارتۇقنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ئامما ئۈچۈن 28 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سادىقلىق بىلەن پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، سادىقلىق بىلەن خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتەك دەۋر خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىشى، تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىي تۆت قارار ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش كۇرسى، تۆت قارار ۋەكىللەر چوڭ دەرسخانىسى ئۆتكۈزۈپ، ۋەكىللەرنى 665 ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، 181 ۋەكىلنى مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، 28 پارچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى شەكىللەندۈرۈپ، 150تىن ئارتۇق خىزمەت تەكلىپى بېرىپ، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى 137 ئادەم قېتىم تەشكىللەپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت مۇجەسسەملىدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئورگان» نىشان بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى سىياسىي ئەۋزەللىك، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى، ئىدارە قىلىش ئەۋزەللىكىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇردى.

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەنە يېڭى مۇساپىنى باشلاش. 2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.