تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى丨ئانارگۈل تۇراق: ھەربىر يىپنى كۆڭۈل قويۇپ ئېگىرىپ، ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىمەن

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

   1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ سەنچاڭ فېڭشوۋ پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىپ ئېگىرىش سېخىدا، ئىنچىكە يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئانارگۈل تۇراق ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ، يېڭى كۇرسانتلارغا يىپ ئېسىشنى پات-پات ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مەشغۇلاتىنى قېلىپلاشتۇرۇۋاتاتتى.

ئانارگۈل تۇراق (ئوڭدا) يېڭى كۇرسانتقا يىپ ئېسىش مەشغۇلاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن 

   ئانارگۈل تۇراق شىنجاڭ سەنچاڭ فېڭشوۋ پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىنچىكە يىپ ئىگىرىش ئىشچىسى بولۇپ، بۇلتۇر يىل بېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. ئۇ نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، مەملىكەتلىك توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى تېخنىكا ماھىرى، مەملىكەتلىك 1-ماي ئاياللار ئۈلگىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولغان، «ئەڭ گۈزەل يىپ ئېگىرىش ئۇستىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئانارگۈل تۇراق تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، خىزمەتتىن باشقا، يەنە دائىم ئىشچىلار ئارىسىغا بېرىپ پىكىر-تەكلىپلەرنى يىغىپ، ئەستايىدىل خاتىرىلىدى، رەتلىدى، «مەن بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارنىڭ ئاممىغا يېقىن بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلار ئارزۇ قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆپرەك چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ساداسىنى يەتكۈزىمەن» دېدى ئانارگۈل تۇراق.

    بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا ئانارگۈل تۇراق «زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى سۇنۇپ، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپى پەن-تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل، خاس سورتلارنى يېتىشتۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى چۆرىدەپ نۇقتىلىق كۈچەپ، كېۋەز، بۇغداي ئۇرۇقىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدىلىنىش خاراكتېرلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، پەن-تېخنىكا نازارىتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق ھەمكارلىشىپ بېجىرىدىغان ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ بېجىرىپ، بېجىرىش، جاۋاب بېرىش پىكرىنى شەكىللەندۈردى.

ئانارگۈل تۇراق 2023-يىللىق «جۇلالانغان ئاقسۇ كىشىلىرى» مۇكاپات تارقىتىش نەق مەيدانىدا.

سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

   «ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولسام، ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، مۇكەممەل قىلىشنى ئويلايمەن.» ئانارگۈل تۇراق خىزمەتتە قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشتى، باشقا ئىنچىكە يىپ ئېگىرىش ئىشچىلىرى بىر ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 ئېگىرىش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلالىسا، ئۇ پىشقان تېخنىكىسى بىلەن 12 ئېگىرىش ماشىنىسىدا تەڭلا مەشغۇلات قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تېز، ئۇلانغان جايى ئەڭ تەكشى، ئۇلىغان يىپىنىڭ سۈپىتىمۇ ئەڭ ياخشى بولۇپ، قۇرۇق ئۇلانغان جايى يوق، نۇقسانسىز ئىدى. ئۇ ئۇدا سەككىز يىل يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلىدى، يېتەكلىگەن كۇرسانتلىرى پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەرقايسى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا تارقىلىپ، يېرىمى كەسىپ تايانچلىرىغا ئايلاندى.

   ئانارگۈل تۇراق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ۋەكىللەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، نازارەت قىلىش، باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى. بولۇپمۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتىنىڭ سايلىغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان قىيىنچىلىقلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ ۋە توپلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىلتىماس-تەلىپى بار 20دىن ئارتۇق ئاممىنى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تونۇشتۇردى. ھازىرغىچە، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاممىنى 31 قېتىم زىيارەت قىلىپ، 60 نەچچە ئادەم قېتىم سايلىغۇچىنى كۈتۈۋېلىپ، 22 تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى.

   «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر قېتىم ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، يۇرتداشلارنىڭ مېنى ئۇلارنىڭ سىردىشى دېگىنىنى ئاڭلىسام، ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن.» ئانارگۈل تۇراق مۇنداق دېدى: بۇ يىل «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنى ئاقسۇغا مايىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى تاپشۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، نۆۋەتتە مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتىمەن.

   سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇقنى باشتىن كەچۈرمىگەندە، مېيخۇا گۈلىنىڭ خۇش ھىدىدىن قانداقمۇ ھۇزۇر ئالغىلى بولسۇن؟ ئانارگۈل تۇراق مۇنداق دېدى: ئۆز خىزمەت ئورنۇمدا نۇر چېچىپ، ھارارەت تارقىتىپلا قالماي، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلغان بۇ بىر يىلدىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتىغا قايتا-قايتا كىرىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، تەكلىپ-تەۋسىيە بېرىش ئارقىلىق بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. «خەلق مېنى ۋەكىل قىلىپ سايلىدى، مەن خەلق ئۈچۈن ۋەكىل بولىمەن»نى ئۆز ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىشكە چوقۇم تىرىشىمەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.