تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى丨يۆ فېڭ: شىنجاڭ ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمەن

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

   ھازىر، ئالاقە تورى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى. شىنجاڭنىڭ ئالاقە تورى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟ بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئۈرۈمچى سەييا تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۆ فېڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئويلىنىۋاتقان مەسىلە.

   «بۇ قېتىم مەن شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن تەييارلىغان تەكلىپلەرنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئالاقە تورى تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بار.» يۆ فېڭ مۇنداق دېدى: ئالاقە تورى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىۋاتىدۇ، شىنجاڭمۇ ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە پائال ماسلىشىپ، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ. ئالاقە تورى تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلسا، بۇ مۇساپىگە مەلۇم دەرىجىدە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقە تورىغا ئالاقىدار ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، ئالاقە تورىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

2023-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، يۆ فېڭ شىنجاڭنىڭ پەن-مەدەنىيەت تارقىتىش باش ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2023-يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، كىچىك مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

(ماتېرىيال سۈرەت)

    يۆ فېڭنىڭ ئالاقە تورى ساھەسىدە ئىشلەۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، شىركەتكە قاراشلىق «شىنجاڭ مېنىڭ ئائىلەم» يېڭى تاراتقۇ سېپىنىڭ پۈتۈن توردىكى مەستانىسى 5 مىليوندىن ئاشتى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مەززىلىك تائاملىرى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، تەسىرلىك ھېكايىلىرى تونۇشتۇرۇلغان نۇرغۇن مەزمۇننى ئېلان قىلدى، يەنە «شىنجاڭ ياخشى جاي. دارېنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى» پائالىيىتى، «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» يۈرۈشلۈك تور باش تېما پائالىيىتى قاتارلىقلارغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ساداسىنى تىرىشىپ تارقاتتى.

    2018-يىلى 12-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، يۆ فېڭنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەت، بىر كىشىلىك كۆرۈش بۇلۇڭى كۆپەيدى، كۆپرەك ئويلىنىدىغان بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا، يۆ فېڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، «شىنجاڭ ئالاقە تورى يېڭى تاراتقۇ كەسپى جەمئىيىتى قۇرۇپ، شىنجاڭ ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدا تەكلىپ سۇنۇپ، جەمئىيەت تەشكىلىي شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ تەشۋىقات رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. بۇ تەكلىپ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. 2021-يىلى، «شىنجاڭ ئالاقە تورى ساھەسى بىرلەشمىسى» قۇرۇلۇپ، ئۆز تاراتقۇ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

    2023-يىلى، يۆ فېڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قەدىمىنى توختاتمىدى. 2023-يىللىق شىنجاڭ تور مەدەنىيلىكى يىغىنى، «گۈزەللىك ئىزدەش . جۇڭگو»نىڭ «گۈزەللىك ئىزدەش . شىنجاڭ» يۈرۈشلۈك تور باش تېما پائالىيىتى، «يېڭى دەۋرگە مەدھىيە ئوقۇپ، يېڭى مۇساپىدە تۆھپە قوشۇش» تور داڭلىق شەخسلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتى، شىنجاڭ-تەيۋەن ئىككى جايدىكى تاراتقۇلار پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئورتاقلىشىش يىغىنى قاتارلىق ئالاقە تورى ساھەسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار پائالىيەتلەردە، ئۇنىڭ ئالدىراش سىماسىنى دائىم كۆرگىلى بولاتتى.

    يۆ فېڭ مۇنداق دېدى: ئالاقە تورى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ساپ تور بوشلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇھىت پاكىز، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشمۇ خەلقنىڭ توردىكى ماكانىغا بولغان گۈزەل ئىنتىلىشى. ئۇ بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئالاقە تورى، يېڭى تاراتقۇ ساھەسىدە ئېرىشكەن قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى بىرىنىمۇ قالدۇرماي تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەمبەھرلىدى.

   ​بۇلتۇر يۆ فېڭ تەكلىپكە بىنائەن «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى . شەبنەم مۇنبىرى»دە «تور يېڭى تاراتقۇلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا دەرس ئۆتۈپ، كۆپچىلىكنى تور يېڭى تاراتقۇلىرىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى جانلىق سۆزلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ساپ بولغان تور بوشلۇقىنى ياخشى قوغداشقا يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە «شىنجاڭ مېنىڭ ئائىلەم» يېڭى تاراتقۇ سېپىدىن پايدىلىنىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى تارقاتتى، شىنجاڭنىڭ پەن- مەدەنىيەت تارقىتىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن، 2023-يىلى يۆ فېڭغا «شىنجاڭ پەن-مەدەنىيەت تارقىتىش باش ئەلچىسى» دەپ نام بېرىلدى.

   يۆ فېڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان يەتتە يىلدا، شەخسىي تەكلىپ بېرىش، بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ تەكلىپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىلىرىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان ئون نەچچە پارچە تەكلىپنى تاپشۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتتى. يۆ فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئەزالىق مەسئۇلىيىتىمنى يەنىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ئالاقە تورى قاتارلىق ساھەلەردىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىر، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.